• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مېيزۇ 16X يانفونى 26-سېنتەبىر سېتىلىدۇ: ئەڭ ياخشى سناپدراگون 710 يانفونى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:55 16-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مېيزۇ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدا مېيزۇ 16X يانفونىنى ئېلان قىلىدۇ، ھازىر بۇ يانفوننى ھەر قايسى چوڭ تور سودا سۇپىلىرىدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ. سۇنىڭ يىگوۋ مال سېتىۋېلىش تورىدىكى مېيزۇ 16X يانفونىنى ئالدىن زاكاز قىلىش بېتىدە بۇ يانفوننىڭ كونكرېت سېتىلىش ۋاقتى كۆرسىتىلگەن، سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك، مېيزۇ 16X يانفونى 26-سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 10:00دا رەسمىي سېتىلىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، مېيزۇ 16X يانفونى ھازىر سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تورغا كىرگۈزۈش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن، تاشقى شەكلى بىلەن قاتتىق دېتال سەپلىمىسى تولۇق ئاشكارىلانغان.

    مېيزۇ 16th يانفونىغا سېلىشتۇرغاندا، مېيزۇ 16X يانفونىنىڭ گەۋدىسى پۈتۈن مېتالدىن ئىشلەنگەن، ئانتېناسى يوشۇرۇن لايىھەلەنگەن.

    يادرولۇق سەپلىمىسىگە كەلسەك، مېيزۇ 16X يانفونىغا ئىشلىتىلگىنى 18:9 نىسبەتتىكى 6.0 دىيۇملۇق AMOLED ئېكران (ماڭلىيى يوق)، سناپدراگون 710 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 128GBلىك ساقلاش بوشلۇقى، 12 مىليون (سونىي IMX380) +20 مىليون (سونىي IMX350) پىكسېللىق قوش كامېرا ۋە 3100mAhلىك باتارېيە. يانفون كامېراسىغا OIS ئوپتىك سىلكىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. بۇ يانفونغا قوش ئاۋاز ياڭراتقۇسى بىلەن ئېكران ئاستى بارماق ئىزى سېنزورى ئىشلىتىلگەن.

    يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، مېيزۇ 16X يانفونىنى مېيزۇ 16thنىڭ «ياش» نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئېكران ئاستى بارماق ئىزى سېنزورى، بايراقدار دەرىجىدىكى قوش كامېرا، ماڭلايسىز سامسۇڭ ئېكرانى ساقلىنىپ قالغان، پەقەت CPU دەرىجىسى سناپدراگون 710غا چۈشۈرۈلگەن. مېيزۇ تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خۇاڭ جاڭ مېيزۇ 16Xنى ئەڭ ياخشى سناپدراگون 710 يانفونى دېگەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى