• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كېنگۇرۇ پىۋا بوتۇلكىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇخلاپ كىشىلەرنى كۈلدۈرۈۋەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:52 16-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    كېنگۇرۇ پىۋا بوتۇلكىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇخلاپ قالغانلىقتىن، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، يېقىن بېرىپ قارىغاندىن كېيىن قورقۇپ دەرھال قېچىپ كەتتى.

    سىز كېنگۇرۇ نىسبەتەن قانداق تەسىراتتا؟ كېنگۇرۇ سىزگە ناھايىتى ئوماق بىلىنەمدۇ؟ بۇرۇن كېنگۇرۇنى ھەممەيلەن ناھايىتى ئوماق، كىشىلەرنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ، دەپ قارايتتى. كېنگۇرۇغا مۇناسىۋەتلىك بىر پروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ كېنگۇرۇغا بولغان تونۇشۇمنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئازلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ پروگراممىدا كېنگۇرۇنىڭ ناھايىتى كۆپ خىل تۈرلىرى تونۇشتۇرۇلۇپلا قالماستىن، يەنە كېنگۇرۇنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ چۈشەندۈرگەن. ئۇ پروگراممىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن راستىنلا كېنگۇرۇغا نىسبەتەن يېڭىدىن تونۇشقا ئىگە بولدۇم.

    ئاۋسترالىيە قىتەسىدىكى بىر تورداش دوستى بىلەن سىرتتا دالا تامىقى يەۋاتقاندا بىر كېنگۇرۇغا يولۇقۇپ قالغانلىقىنى، بۇ كېنگورۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئۇلارغا ھەم كۈلكىلىك ھەم ئۇلارنى ناھايىتى تەلەيلىكتەك ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

    بۇ تورداش ئۆزىنىڭ دوستلىرى بىلەن بىللە ئىچىش ئۈچۈن پىۋا ئېلىۋالغانلىقىنى، ئۇلار ناھايىتى خۇشال ئويناۋاتقان ۋاقىتتا بىر كېنگورۇنىڭ يۈگۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇ كېنگۇرۇنىڭ ئادەملەردىن قورقمايدىغانلىقىنى، ئۇدۇل بېرىپ پىۋىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ دوستى تېخى ئېچىپ بولالماي يەرگە قويۇپ قويغان پىۋا بولۇپ، كېنگۇرۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ پىۋىنى قولىغا ئالغان ۋە بىر يۇتۇم تېتىپ باققان. ئارقىدىن ئۇ بىر بوتۇلكا پىۋىنى گۆھەرگە ئوخشاش قوينىغا سېلىۋالغان. ئاخىرىدا خۇددى مەست بولۇپ قالغاندەك شۇ يەردە يېتىپ ئۇخلىغان.


    يىراقتىكى يولۇچىلار بۇ كېنگۇرۇنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. يولۇچىلار بۇ كېنگۇرۇنى ھاراق كۆتۈرەلمەيدىغان، بىر يۇتۇم ئىچسىلا يېتىپ قالىدىغان تىپتىن ئىكەن دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ كېنگۇرۇنىڭ ئالدىغا بارماقچى بولغان، بىراق يېقىن بارغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق قورقۇپ قېچىپ كەتكەن. چۈنكى، كىشىلەر يېقىنلاشقاندىن كېيىن بۇ كېنگورۇ تۇيۇقسىز بەدىنىنى ئازراق تۈزلىگەن، بۇ ھەرىكىتى كىشىلەرنى قورقۇتىۋەتكەن. بۇ كېنگۇرۇنى كۆرگەنلەر ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تىرنىقىنىڭ ناھايىتى ئۆتكۈرلۈكىنى، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

    يولۇچىلار بۇ كېنگۇرۇدىن قورقۇپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال قېچىپ كەتتى. بىراق بىر تورداش يەنە قاپ يۈرەكلىك بىلەن بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن ئاستاغىنە كېتىپ قالدى. قارىغاندا بۇ كېنگۇرۇنىڭ تەھدىت سېلىش كۈچى يەنىلا ناھايىتى زور، ھەر ھالدا بۇ كېنگۇرۇ ھاراق ئىچىپ ساراڭلىق قىلماپتۇ، بولمىسا كېنگۇرۇنىڭ ئاشۇ بەدىنى ۋە ھۇجۇم قىلىش كۈچى بەلكىم يولۇچىلار ۋە ئۇ تورداشنىڭ ھەممىسىنى زىيان تارتقۇزۇشى مۇمكىن ئىدى.

    ئەمدى سىز چوقۇم كېنگۇرۇنىڭ ھەرگىزمۇ كۆرۈنگىنىدەك ئاددىي ئەمەسلىكىنى بىلگەنسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يېنىڭىزدىكى قارىماققا ھاماقەتتەك كۆرۈنگەن تۈرلەرنى سەل چاغلىماڭ. ئۇلارنىڭ غەزەپلەنگەن ۋاقىتتىكى ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى بەلكىم پەرەز قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى