• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۇيقۇ كەلتۈرىدىغان مۇنداق ئۇسۇللارنى بىلىپ قويۇڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:46 09-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈنلەردە كۆپ تەرلىگەنلىكتىن، بەدەندىكى مېنېرال تۇز كۆپ مىقداردا يوقاپ، بەدەننىڭ چارچىشىنى، ئىشتىھانى تۇراقسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيقۇمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ، پەقەت بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى 36.2دىن 36.4 سېلىتسىيە گرادۇس ئەتراپىغا چۈشۈرگەندە ئاندىن شېرىن ئۇيقۇ دۇنياسىغا قەدەم قويغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە ئۇيقۇنى تېز كەلتۈرىدىغان بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز:

    1.يوگا ھەرىكىتى ئىشلەش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش

    بۇ ئۇسۇل ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى مېدىتسىناسىدىن كەلگەن بولۇپ، قىزىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىدۇ، ئۇ يەنە دىققەتنى يىغىشقا، قان بېسىمىنى تەڭشەشكىمۇ ياردەم بېرىدۇ. ئۆزىمىزنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇپ ئولتۇرىمىز، تىلىمىزنى چىقىرىپ، «U» شەكلىدە قايرىيمىز، ئەگەر قىلالمىغاندا، قولنىڭ ياردىمىگە تايانساق بولىدۇ، ئېغىز ئارقىلىق چوڭقۇر نەپەسلىنىپ، ھاۋانىڭ تىلدىن قورساق قىسمىغا كىرگەنلىكىنى ھېس قىلساق بولىدۇ، بۇ خۇددى ئىنچىكە نەيچە ئارقىلىق نەپەس ئېلىشقا ئوخشىشىدۇ. ئاندىن ئېغىزىمىزنى يۇمۇپ، بۇرنىمىز بىلەن نەپەسنى چىقىرىمىز. نەپەس ئاياغلاشقاندىن كېيىن قايتا باشلىساق بولىدۇ، ھەر سائەتتە ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش قېتىم تەكرارلىساق كۇپايە.

    2.ھاۋانى تولۇق ئايلاندۇرۇش

    توكلۇق شامالدۇرغۇچتىن بىرنى سېتىۋالىمىز. توكلۇق شامالدۇرغۇچ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئالدىغا بىر بۇتۇلكا توڭلىتىلغان سۇ قويۇپ قويغاندا، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، كېچىچە توكلۇق شامالدۇرغۇچنى ئېچىپ ئۇخلىغاندا شامالنى باش ۋە بويۇن قىسمىغا توغرىلىماسلىق، ئەڭ ياخشىسى شامالنى پۇت تەرەپكە ياكى بەدەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرىلاش كېرەك.

    3.ئىلىمان سۇدا يۇيۇنۇش

    ئالدى بىلەن پۇتنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن سۇنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ تەڭشەيمىز. يۇيۇنۇپ بوولغاندىن كېيىن پۇت ۋە بەل قىسمىمىزنى سۈرتىمىز، قالغان قىسىملاردا كىچىك سۇ تامچىلىرىنى قالدۇرۇشتىكى مەقسەت تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت.

    4.مېنىرال سۇ قاچىلانغان سۇ پۈركىگۈچ ئىشلىتىش

    سىغىمى چوڭ بولغان سۇ پۈركىگۈچنى تاللاش كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن مېنېرال سۇ قاچىلانغان سۇ پۈركىگۈچنى كارىۋات ياپقۇچى ۋە قۇلاققا سېپىپ، ئاندىن باش تەرەپكە قويۇۋېلىپ، كېچىسى ئىسسىقتىن ئويغانغاندا ئىشلىتىش كېرەك.

    5.سۇ تولۇقلاش

    ئەتىگەندە چوڭ بۇتۇلكىغا پوستى سويۇلغان تەرخەمەك ياپراقچىسى، بىر نەچچە پارچە يالپۇز يوپۇرمىقى ۋە يېرىم پارچە پوستى سويۇلغان لىمون سېلىپ ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ توڭلاتقۇغا سېلىپ،كەچتە ئېلىپ مۇز قوشۇپ ئىچكەندە، ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى