• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سامسۇڭنىڭ تۇنجى ئېكران ئاستىدىن بارماق تونۇيدىغان يانفونى Galaxy P1 كېلەركى ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:45 09-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ‌7-ئايدا، سامسۇڭ شىركىتى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد ئېكران ئاستىدىن بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان يانفونى Galaxy P1 يۈرۈشلۈكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. كېينكى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى كېلەركى ئايدا دۆلەت ئىچىدە ئىككى خىل يېڭى تىپتىكى يانفونىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا Galaxy P1 ۋە Galaxy R يۈرۈشلۈكى بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە Galaxy P1 يۈرۈشلۈكى ئوتتۇرا سەپلىمىلىك يانفون ئىكەن.

    سەپلىمە جەھەتتىن ئېيتقاندا، Galaxy P1 يانفونىغا 3GB ياكى 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ، سامسۇڭ ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان Exynos مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلىنىدىكەن،Android policeنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يانفونغا يەنە،ھازىرقى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان پۈتۈن ئېكران لايىھەسى ھەم سامسۇڭنىڭ كىلاسسك ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاستى-ئۈستى رامكىسىنى ساقلاپ قېلىش لايىھەسى ۋە قوش كامېرا قوللىنىلىدىكەن.

    خەۋەردە ئېيتىلغان Galaxy P1دىن باشقا، سامسۇڭ يەنە كېلەركى يىللىق MWCدا ئېكران ئاستىغا بارماق ئىزى تەسۋىرى كۆچۈرگۈچ سەپلەنگەن Galaxy S10نى ئېلان قىلىدىكەن، ئامېرىكا پاتنېت ۋە ماركا ئىدارىسى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك پاتېنىتتا سامسۇڭ بۇ خىل تېخنىكىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتتىكى رولىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

    پاتېنىتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېكران ئاستىغا بارماق ئىزى تەسۋىرى كۆچۈرگۈچ سەپلەنگەندىن باشقا، يەنە تۆت دانە سېنزور سەپلىنىدىكەن ھەم مەخسۇس ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قويۇپ بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش مودۇلى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ مودۇل ئېكران ئاستىدىكى ئالاھىدە رايون ۋە بارماق ئىزى تەسۋىرى كۆچۈرگۈچنى قوزغىتىپ بېرىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى