• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تام كىروس باش رول ئالغان كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:21 07-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    Box Office Mojoنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تام كىروس باش رول ئالغان كىنولارنىڭ دۇنيا بېلەت كىرىمى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى رەسمىي بۆسۈپ ئۆتكەن.

    «فوربېس»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تام كىروسنىڭ 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق رېكورت نۇرغۇن داڭلىق ھوللىۋود ئەر چولپانلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ پۇلغا يارايدىكەن. چۈنكى تام كىروس بۇ كىنولاردا مۇتلەق باش پېرسوناژ ھېسابلىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ «ئىمكانسىز ۋەزىپە» يۈرۈشلۈكىنىڭ باش رولچىسى، باشقا كىنولىرىنىڭ بېلەت كىرىمىنى ئاساسەن ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ ياراتقان.

    تام كىروس باش رول ئالغان كىنولارنىڭ ئىچىدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى 2005-يىلىدىكى «دۇنيا ئۇرۇشى» (234 مىليون) ئۇنىڭدىن باشقا، 1986-يىلىدىكى «ئۇلۇغۋار غايە» بىلەن 1988-يىلىدىكى «يامغۇر ئادەم» مۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىمالىي ئامېرىكا يىللىق بېلەت كىرىمى چېمپىيونى بولغان.

    تام كىروسنىڭ يىللىق دۇنيا بېلەت كىرىمى چېمپىيونى بولغان كىنوسى 2011-يىلىدىكى «ئىمكانسىز ۋەزىپە 4» (694 مىليون)، لېكىن بۇ رېكورتنى بۇ ھەپتە دۆلىتىمىزدە 700 مىليون بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6» بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، «4-ئىيۇل تۇغۇلۇش»(1992)، «جېرى ماگۇئىر»(1996)، «ئاز سانلىقلار دوكلاتى»(2002)، «ئاخىرقى ساموراي» (2003) قاتارلىق كىنولىرى يىللىق بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10 كىنو قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى