• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خاۋال F7 ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى، نويابىردا بازارغا سېلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:17 07-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىندا خاۋال ئاپتوموبىلچىلىقى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى F7 ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان رەسىمىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئاپتوموبىلنى ئىخچاملاشتۇرۇلغان SUV دېيىشكە بولىدۇ، بۇ F5دىن كېينكى F يۈرۈشلۈكىنىڭ ئىككىنچى نۇسخا ئاپتوموبىل تىپى. لايىھىلىنىشتە زامانىۋىيلىققا ئەھمىيەت بېرىلگەن، H يۈرۈشلۈكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەمگە تېخىمۇ قىران تۇيغۇ بېرىدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئاپتوبىل بۇ يىل نويابىردا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن.

    سىرتقى كۆرۈنىشى جەھەتتە خاۋال F7گە ئىلگىرىكى H يۈرۈشلۈكىگە سېلىشتۇرغاندا يېڭىچە لايىھە قوللىنىلغان. ئالتە تەرەپلىك ھاۋا كىرىش رېشاتكىسىنىڭ قىرلىرى ئېنىق ئايرىلغان ھەمدە ھەرە كۆنىكى شەكلى قوللىنىلغان. بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۇمان چىرىغى رايونىغا ھاۋا كىرىش ئېغىزىغا ئوخشايدىغان لايىھە ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەمگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىلنىڭ چوڭ چىرىغىغا كۆز بۇرجىكى شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، غەيرىي كۆپ تەرەپلىك لايىھە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زامانىۋىي تۈس قوشقان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، F7 نىڭ چوڭ چىرىغىغا ماترىسا شەكىلدىكى LED نۇر مەنبەسى ئىشلىتلگەن.

    ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپى بىرقەدەر ئاددىي، كىرىلو تاختىسىدىن ئارقا چىراققىچە ئىككى تال بەل ئايرىلما سىزىقچە قوللىنىلغان، بۇ ئاپتوموبىلغا يەنە ئۈچتە بەش قوشۇمچە شەكىللىك چاق ئورنىتىلغان بولۇپ، زامانىۋى كۆرىنىدۇ. C,D تۈۋرۈك رايونىغا ئارقا چىراق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قاشقاي بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

    ئاپتوموبىلنىڭ رازمېرى جەھەتتە ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم 4620×1846×1690 مىللىمېتىر، ئىككى چاق ئارىسى 2725 مىللىمېتىر.


    ئىچكى قۇرۇلمىسى جەھەتتە ئاپتوموبىلغا غەيرىي سىممېترىيىلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئوتتۇرا كونترول ئېكرانى بىلەن پرىبور رايونى يېقىنلاشتۇرۇلغان. ئىچكى كۆرۈنمە يۈزى قارا رەڭدە بېزەلگەن،ئەمما كۈمۈش رەڭلىك زىننەت سىزىقى ماسلاشتۇرۇلغان. مۆلچەرلىنىشچە رەسمىي بازارغا سېلىنغاندا باشقا رەڭلىكىمۇ تەمىنلىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر مودا بولۇۋاتقان تەكشى تەگلىك رول ۋە ئېلېكتىرونلۇق خوت دەستىسى قاتارلىقلار قوللىنىلغان.

    سەپلىمە جەھەتتە F7گە كۆپ ئىقتىدارلىق رول، ئاپتوموبىل تورى، مۇقىم سۈرئەتلىك يول يۈرۈش سىستېمىسى سەپلەنگەن.

    بىخەتەرلىك سەپلىمىسى جەھەتتە ئاپتوموبىلغا ACC ماسلىشىشچان يول يۈرۈش، FCW ئالدى تەرىپى سوقۇلۇشتىن سىگنال بېرىش، DOW ئىشىك ئېچىلىش سىگنالى، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆلچەش، TSR قاتناش بەلگىلىرىنى پەرق ئېتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلەنگەن.

    ماتور جەھەتتە F7گە H7 بىلەن ئوخشاش 1.5T ۋە 2.0T ئىككى خىل ماتور ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1.5Tلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 124 كلوۋات (169 ئات كۈچى)، ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى 285 نيۇتون مېتىر. 2.0Tلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 145 كلوۋات (197 ئات كۈچى)، ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى 345 نيۇتون مېتىر. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 2.0Tلىق نۇسخىسى تۆت چاق سۆرەيدىكەن.

    ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 130 مىڭدىن 160 مىڭغىچە بولىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى