• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خام لازىنى كۆپ يېسە دىيابېتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:34 04-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا خارۋارد داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاچچىق قورۇمىلار راك كېسىلى، قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلى، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن، ئەگەر لازىنى خام يېگەندە 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇرۇن راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى بولمىغان 30 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 487 مىڭ جۇڭگولۇق ئەر ۋە ئايالنى ئوبېيكىت قىلىپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان. ئوتتۇرىچە ۋاقتى 7.2 يىل بولغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، لازا مىقدارى ئازراق قورۇما بىلەن ئاچچىق قورۇمىلارنى قوبۇل قىلىش قېتىم سانى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كېسەللىكلەر بىلەن تەتۈر كوررېلاتسىيە ئىكەن، يەنى لازىنى قانچە كۆپ يېسە كېسەل بىلەن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ تەرىپى ھاراق ئىچمەيدىغانلارنىڭ بەدىنىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتچىلار يەنە قۇرۇق لازا يېگەنگە قارىغاندا خام لازىنى كۆپرەك يېگەندە 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان.

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: قۇرۇق لازىغا قارىغاندا خام لازىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، لازا يېيىشنى ياقتۇرىدىغانلار خام لازىنى كۆپرەك يەپ بەرسە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆپ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى