• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6» ئىچكىرى بازىرىدا ھەپتىلىك بېلەت كىرىم چېمپىيونى بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:20 04-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گەرچە ھوللىۋودنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىمى «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6» (碟中谍6:全面瓦解) قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇش باشلىنىش مەزگىلىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىچكىرى كىنو بازىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىلىك بېلەت كىرىم ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، بىر مىليارد 174 مىليون يۈەنلىك نەتىجە بىر ھەپتە بۇرۇنقى نەتىجىدىن %7.7 تۆۋەنلىگەن.

    «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6» ئاينىڭ ئاخىرى يەنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى قويۇلغان بولۇپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ھەپتىلىك بېلەت كىرىم چېمپىيونى بولغان، «چۈمۈلە ئادەم 2» ئىككىنچى ئورۇندا،«ئاكامنى تېز ئېلىپ كېتىڭلار»، «چوڭ ئاكۇلا»، «چوڭ ئاغا» قاتارلىق كىنولار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان.

    «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6» قويۇلۇپ ئۈچ كۈندە 531 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ھەپتىلىك بېلەت كىرىم چېمپىيونى بولغان. 2015-يىلى «ئىمكانسىز ۋەزىپە 5» ئىچكىرىدە قويۇلۇپ تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى 553 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 870 مىليون يۈەنگە يەتكەن. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا «ئىمكانسىز ۋەزىپە 5» سەيشەنبە كۈنى قويۇلغان بولۇپ، تۇنجى ھەپتىدە «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6»دىن ئۈچ كۈن كۆپ قويۇلغان، شۇڭا ئەمەلىي نەتىجە جەھەتتە يەنىلا «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6» ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.

    2018-يىلى ئىمپورت قىلىنغان كىنولار ئىچىدە «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6»نىڭ تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3»نىڭ بىر مىليارد 272 مىليون يۈەنلىك تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى بىرىنچى ئورۇندا، «يۇرا دەۋرى 2»نىڭ 734 مىليون يۈەنلىك تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، «چۈمۈلە ئادەم 2»نىڭ تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى 465 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، «ئىمكانسىز ۋەزىپە 6»نىڭ بېلەت كىرىمى بىر مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى مۇمكىن.

    «چۈمۈلە ئادەم 2»نىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى بېلەت كىرىمى 277 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، ھەپتىلىك بېلەت كىرىم تىزىملىكىدە ئىككىنچىلىككە چۈشۈپ قالغان، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 741 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 2015-يىلى قويۇلغان «چۈمۈلە ئادەم»نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 672 مىليون يۈەن بولۇپ، «چۈمۈلە ئادەم 2» بۇ بېلەت كىرىم نەتىجىسىنى ئارقىدا قالدۇردى. ھازىر «چۈمۈلە ئادەم 2»نىڭ شىمالىي ئامېرىكا بېلەت كىرىمى 213 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن بىر مىليارد 456 مىليون يۈەن) بولۇپ، ئىچكىرى بېلەت كىرىمىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا بېلەت كىرىمىدىن ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.

    «ئاكامنى تېز ئېلىپ كېتىڭلار»نىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى نەتىجىسىمۇ ياخشى بولۇپ، 74 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن ھەمدە ھەپتىلىك بېلەت كىرىم تىزىملىكىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 339 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    «چوڭ ئاكۇلا» ئالدىنقى ھەپتە 53 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ھەپتىلىك بېلەت كىرىم تىزىملىكىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى بىر مىليارد 36 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    جېن زىدەن باش رول ئالغان «چوڭ ئاغا»نىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى بېلەت كىرىمى 52 مىليون يۈەن بولۇپ، ھەپتىلىك بېلەت كىرىم تىزىملىكىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 142 مىليون يۈەنگە يەتكەن. «قالتىس ئويۇن»نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى بىر مىليارد 333 مىليون يۈەنگە يەتكەن. «شىخۇڭ شەھىرىدىكى بىرىنچى باي»نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى ئىككى مىليارد 526 مىليون يۈەنگە يەتكەن. سالمانخان باش رول ئالغان «سۇلتان»نىڭ تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى 21 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى