• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچىدە A، B پىراۋىسى بارلار ئاپتوموبىلىنى يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزسە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بارمىسىمۇ بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:13 04-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئۆز مۇخبىرىمىز فەن گوبىڭ خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى A، B پىراۋىسى بارلار ئاپتوموبىلىنى يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزسە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بارماي، يانفونىدا سېكاننېرلاش ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتا ئاپتوموبىلىنى يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش تەربىيە ئۆگىنىشىگە قاتناشسا بولىدۇ.

      مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى بىلەن ئۈرۈمچى ساقچى ئىشلىرى كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى بىرلىكتە «ئۈرۈمچى ساقچى ئىشلىرى كاپالەت مۇلازىمەت ئۈندىدار سۇپىسى»دا يانفون ئارقىلىق «ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش تەربىيە ئۆگىنىشى» سىستېمىسىنى ئاچقان بولۇپ، شوپۇرلار «ئۈرۈمچى ساقچى ئىشلىرى كاپالەت مۇلازىمەت ئۈندىدار سۇپىسى(乌鲁木齐警保服务平台公众号)»نىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجەكتىكى «تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت(更多服务)»نى بېسىپ، ئۇنىڭدىكى «ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش تەربىيە ئۆگىنىشى(审验教育学习)»نى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى تولدۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن.

      مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، شوپۇر يانفونىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ، ئىككىلىك كودنى سېكاننېرلاش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى باشلىۋەتسە بولىدۇ. ئۆگىنىشنىڭ ۋاقتى ئۈچ سائەت بولۇپ، 1-سائىتىدە سىن كۆرۈپ ئۆگىنىش قىلىدۇ، كېيىنكى ئىككى سائەتتە ئىمتىھان بېرىدۇ.

      ئالتە جايدىكى ئۆگىنىش ئورنى تۆۋەندىكىچە:

      1. تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى: «پاڭدا تېڭجۇڭ» ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى كەسپىي قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى

      ئورنى: داۋەن شىمالىي يولى شەرقىي 11-كوچا 29-نومۇر داجۇڭ 4S دۇكىنىنىڭ 2-قەۋىتىدە.

      2. سايباغ رايونلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى: «جۇڭتەي» گۇرۇھى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى كەسپىي قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى

      ئورنى: ئۈرۈمچى سايباغ رايونى شىسەن مالياۋدى كوچىسى 22-نومۇر

      3. يېڭىشەھەر رايونلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى: شىنجاڭ تېز ئاپتوموبىل ماھىرى شىيۆ سودا چەكلىك شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى كەسپىي قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى

      ئورنى: غەربىي ئايلانما شىمالي يولى ماي تىرانسىپورت ئىدارىسى 1-تارماق شىركىتى قورۇسىدىكى رۈيچاڭ كوچىسى

      4. شىمىگو رايونلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى: بېيچېن شۈرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى كەسپىي قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى

      ئورنى: شىمىگو رايونى يىكەنكۆل شەرقىي كوچىسى شىمالىي 7-كوچا 128-نومۇر

      5. مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى: مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى تيەنخۈي ئاپتوموبىل شەھىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى كەسپىي قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى

      ئورنى: ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى يۇڭشۈن كوچىسى 1908-نومۇر 1-تيەنخۈي ئاپتوموبىل شەھەرچىسى.

      6. تۇدۇڭخابا رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتانش ۋاسىتلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى

      ئورنى: ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا رايونى خۇڭيەن كوچىسى 1080-نومۇر.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى