• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىنسان راستىنلا بارغانسېرى دۆتلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:10 04-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى،

    ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ خەنزۇچە تورى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تەتقىقاتچىلار يېقىندا تاماملىغان سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، بىز ياشاۋاتقان 21-ئەسىردە پەن-تېخنىكا ناھايىتى تېز تەرەققي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنساننىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچىدە تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ 1975-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئەقىل كۆرسەتكۈچىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. بۇ نەتىجە بىزگە ئىنساننىڭ دۆتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىراق راستىنلا شۇنداق بۇلۇۋاتامدۇ؟ بۇ يەردىكى سەۋەب زادى نەدە؟

    «ئىنسان بارغانسېرى دۆتلىشىپ كېتىۋاتىدۇ» دېگەن بۇ قاراشنى دانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن چىقارغان، شۇڭا بۇ نەتىجىنى بۇ خىل سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ تۇنجى قېتىملىقى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا ئىنساننىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى مۇشۇنداق تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟

    ئادەتتە ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى سىناشتا ئادەمنىڭ سان، بوشلۇق، لوگىكا، سۆزلۈك، ئىجادچانلىق ۋە ئەستە تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى سىناش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. گەپنى ئېنىقراق قىلغاندا، نوپۇسنىڭ %50ى، يەنى تەڭ يېرىم ئادەم ئەقلىي كۆرسەتكۈچ جەھەتتە نورمال ياكى ئوتتۇراھال سەۋىيە (90دىن 109غىچە) دە بولىدۇ ناۋادا ئەقىل كۆرسەتكۈچى 110غا يەتسە ياكى ئاشسا، ئۇنداقتا ئەقىللىق ئادەملەر قاتارىغا قوشۇلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېينىشتىيىننىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى 160غا يېتىدىكەن. شۇڭا ئۇنى تالانتلىقلار قاتارىغا قوشۇشقا تامامەن بولىدۇ.

    ئەمما، 1975-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى نىمىشقا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: «بۇنداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بىر نەچچە سەۋەب بۇلۇشى، بۇلۇپمۇ مۇھىت ئامىلى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئۆزگىرىش،يەنە سېپىرلاشقان بۇ دەۋردە توردىكى تەييار نەرسىلەرگە بېرىلىپ، كىتاپ ئوقۇش ۋە تەپەككۈر قىلىشقا سەل قارىغانلىق ئاساسىي سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.»

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دىيىشتى: «بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى ماتېماتىكا ۋە تىل ئوقۇتۇشى ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتى كۆپىيىپ كەتتى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىدىن كۆپ بۇلۇپلا قالماستىن، يەنە ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى سىناش ئۇسۇلى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىيەلمەي قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېپىرلاشقان بۇ دەۋردە ئەقلى كۈچ قارشىدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولغان، شۇڭا ئەنئەنىۋى ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى سىناش ئۇسۇلى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماي قالغان بولۇشڭى مۇمكىن.»

    دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىيەلمىگەن

    بۇ تور دەۋرى ۋە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئەكسىچە رول ئويناپ، چوڭ مېڭىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە داشۆسى سان-فرانسىسكو شۆبە مەكتىپىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە ياشىنىش مەركىزىنىڭ پروفىسسورى كاسېرىن پۇرسىن بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز بۇ مەسىلىگە جاۋاب بەرگەندە، باشقا بەزى مەسىلىلەرنىمۇ ئويلاشمىساق بولمايدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋردە ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، ماتېماتىكا ۋە تىل بىلىملىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان دەرىجىگە يەتتى، بىراق بىز دەۋاتقان بۇ ئامىللار دەل ئەنئەنىۋى ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى سىنايدىغان ئاساسلىق مەزمۇنى.»

    پراففىسسور پۇرسىن يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ نۇقتىدىن چىققاندا، يۇقىرىدا ئېرىشىلگەن نەتىجە ئىنساننىڭ ئەقلى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن بېرىلگەن دېرەك بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى سىنايدىغان ئەسلىھە بىلەن ئۇسۇل دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىيەلمىگەن. سېپىرلاشقان دەۋردىكى يېڭى قورالار بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا مېنىڭچە، بۇ خىل يۈزلىنىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى سىناش ئۇسۇلى بىزنىڭ تەپەككۈر ۋە خىزمەت ئۇسۇلىمىزغا ماسلاشتۇرۇشى زۆرۈر.»

    ئەقىل كۈچىنىڭ تەبىرىمۇ ئۆزگىرىشكە موھتاج

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى سىناشقا مۇناسىۋەتلىك نەتىجىنى غەربتىكى بىر قىسىم تەرققىي قىلغان ئەللەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى چىقارغان، ئۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر كىشىلىرى بىلەن ئاياللارنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى سىناش نەتىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

    نورۋىگىيەنىڭ مەركىزى ئوسلۇدىكى گېننار پېرس ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 1970-يىلىدىن2009-يىلىغىچە ئەسكەر بولغان نورۋىگىيەلىك 730مىڭ ئەرنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى سىنىقىنىڭ نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، 1991-يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى 1975-يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنىڭكىدىن بەش نۇمۇر،1975-يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنىڭ 1962-يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنىڭكىدىن ئىككى نۇمۇر تۆۋەنلىكىنى بايقىغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: «بۇ نەتىجە بۈگۈنكى ياشلارنىڭ ئاتىلىرىغا قارىغاندا دۆتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئەقلى كۈچ ھەققىدىكى تەدبىرگە ئۆزگىرىش كىرگۈزۈپ، سېپىرلاشقان دەۋردىكى تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.»

    ئادەمنىڭ ئەقلى ئاقما ئەقىل ۋە كىرىستال ئەقىلدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ يەردىكى كىرېستال ئەقىلنى ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى ۋە مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما ئاقما ئەقىل ئادەمنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ،يېڭىچە لوگىكىلىق تەپەككۈر ئۇسۇلى ئادەمنىڭ كىرىستال ئەقلى كۈچىنى سىناشنى مەزمۇن قىلغان،بۇ خىل سىناش ئۇسۇلى ماتىماتىكا بىلىمى ۋە تىل ئىقتىدارىغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قاراشتى: «ئەگەر ئەقىل كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىگە مۇشۇ جەھەتتىكى ئامىللار سەۋەب بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل نەتىجىدىن خاتىرلىنىش بىھاجەت.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى