• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش تېلېفونى ئېچىۋېتىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:21 01-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى 66097980-010، 66096590-010، 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 12-كۈنىگە قەدەر بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00دىن كەچ سائەت 20:00گىچە ئېچىۋېتىلدى. بۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى ئېچىۋەتكەن 14-يىلى ھېسابلىنىدۇ.

    «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرمايمىز»، بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. دۆلەت بۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىلىرىنى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلىغان ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى ئورناتتى. ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرزى، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كېرىش ياردىمى، بىر ياقتىن ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ياردىمى، ئوقۇش پۇلىنى ئازايتىپ بېرىش-كۆتۈرۈۋېتىش، ئوقۇش ياردىمى قەرزىنى قايتۇرۇپ بېرىش،«يېشىل كارىدور» قاتارلىق كۆپ خىل ياردەم بېرىش ئۇسۇللىرىنى تەڭ قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۈچتە غەم قىلماسلىق»ىغا، يەنى ئوقۇشقا كىرىشتىن ئاۋۋال غەم قىلماسلىقىغا، ئوقۇشقا كىرگەندە غەم قىلماسلىقىغا، ئوقۇشقا كىرگەندىن غەم قىلماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    مائارىپ مىنىستىرلىقى كەڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا، توغرا ئىگىلەپ، مۇناسىپ ياردەملەرگە ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشىشىگە ھەقىقىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2005-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ياز پەسلىدە قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىپ، بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش شەكلى ئارقىلىق ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىپ، غەمدىن خالاس قىلىپ كەلدى.

    مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئېچىۋېتىلگەن مەزگىلدە، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پىلانى ئايرىم تۈزۈلگەن شەھەرلەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز تارمىقىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە جايلاردىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرمۇ قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى تەڭ قەدەملىك ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسلىھەت ۋە ياردەم سورىغان تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىدۇ. قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بەرسە بولىدۇ ناۋادا قىيىنچىلىقى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنماي قالسا، ئالاقىدار ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ ياكى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بەرسە بولىدۇ. ئوقۇغۇچى دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى تارمىقىدا ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردىمى قەرزى بېجىرگەندە مەسىلىگە يولۇقسا، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قىزىق لىنىيە تېلېفونى 95593گە تېلېفون بەرسە بولىدۇ.

    مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى تاقالغاندىن كېيىنمۇ، ئوقۇغۇچىلار يەنە داۋاملىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىدىن ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىگە ئائىت مەسلىھەت سورىسا ياكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئىنكاس قىلسىمۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى يىلبويى تەسىس قىلغان بىر تۇتاش نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى 66092315-010، 66093315-010غا تېلېفون بەرسىمۇ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تور پونكىتىنىڭ تور ئادرېسى:

    http://www.xszz.cee.edu.cn

    ياكى جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار ياردەم ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى (ئۈندىدار نومۇرى: jybzzzx) ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى بىلىۋالسا،ئالاقىدار قىيىنچىلىقلىرىنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.


    ئەسلى مەنبەسى: https://mp.weixin.qq.com/s/_4DXqrm7VnbJJB9p4U5Ehg


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى