• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كۈنجۈت ئىناۋىتى 700گە يەتكەندە تيەنماۋدىكى 50 خىل ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسىنى ئاۋۋال ئىشلىتىپ ئاندىن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:24 29-08-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    8-ئاينىڭ 28-كۈنى تيەنماۋ 2018-يىللىق دۇنيا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى يۈزلىنىشىنى ئېلان قىلىش يىغىدا كۈنجۈت ئىناۋىتى بىلەن بىرلىشىپ ئائىلە ئېلېكتىر ساھەسىدە «ئاۋۋال ئىشلىتىپ ئاندىن ھەق تۆلەش» ئۇسۇلىنى چىقارغانلىقىنى، كۈنجۈت ئىناۋىتى 700 نومۇرغا يەتكەن ئابۇنتلار 30 كۈن سىناپ ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى، رازى بولغاندىن كېيىن ھەق تۆلىسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئېلان قىلىش يىغىنىدا 2018-يىللىق دۇنيا ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى يۈزلىنىشىدىكى 70 خىل مەھسۇلات مەركەزلىك نامايەن قىلىندى، خەيئېر، ئامېرىكا، A.O. سىمىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 ماركا بۇ مۇلازىمەتكە قوشۇلدى.

    ئىستېمال يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان يۈزلىنىش ئاستىدا قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، يەر سۈپۈرۈش ماشىنىسى، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئاپتوماتىك كىرئالغۇ قاتارلىق ئىككى قولنى ئازات قىلىدىغان بىر قاتار ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى «يېڭى تۈرى» ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بىر خىل يۈزلىنىشكە ئايلاندى، ئاۋۋال ئىشلىتىپ ئاندىن پۇل تۆلەش ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى يېڭى تۈرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تېزلىتىپ، يېڭى تۈرنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كىرىشىدىكى توسالغۇلارنى ئازايتىدۇ.

    تيەنماۋ ئىستېمال ئېلېكترون ئىشلىرى بۆلۈمى چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تارمىقىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ خۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستېمالچىلانرىڭ تۇرمۇش شەكلىگە داۋاملىق باشلامچىلىق قىلىپ، ئىستېمال ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، IoT ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ يىل ۋاقىتتا جۇڭگو ئائىلىلىرىدە «قول ئىشلەتمەيدىغان تۇرمۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

    تيەنماۋ دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى يېڭى تاۋارنى تۇنجى ئېلان قىلىش سۇپىسى بولۇپ، 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جەمئىي 550 مىڭ خىل يانفون، رەقەملىك ئۈسكۈنە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، 3C يېڭى مەھسۇلاتلىرى تيەنماۋدا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى، تيەنماۋ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 3000 خىلدىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلاتنى ئىستېمالچىلارغا سۇنىدۇ.

    نۆۋەتتە تيەنماۋدا IoT تارمىقى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەلى بابا ئېكولوگىيەسىدىكى بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، AI تېخنىكىسى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ماركىسىغا تېخىمۇ ياخشى ئېنىقلىما بېرىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا ياردەم بەردى. يەنە بىر جەھەتتىن تيەنماۋ ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تۆۋەن قاتلامدىكى ئەشيا تورىغا ئۇلىنىش تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش مۇھىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئابۇنتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا تورى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدىن بەھر ئالدۇرىدۇ.

    كېيىنكى قەدەمدە ئېكراندا ئېلان قىلىنغان چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور، تەڭگە سېلىنىدىغان ئېگىزلىكى بىر مېتىرغا يەتمەيدىغان ئاۋازسىز كىرئالغۇ، قول سېزىمى ئارقىلىق كونتروللاشقا بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇس تارتقۇ، لازىر نۇرلۇق يول باشلايدىغان يەر تازىلاش ماشىنا ئادىمى قاتارلىق 70 خىلغا يېقىن يېڭى مەھسۇلات «99» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «قوش 11» قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئىستېمالچىلار ئاۋال ئىشلىتىپ ئاندىن سېتىۋالسا بولىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى