• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مارىيانو سېۋىللاغا قوشۇلۇپ قالسا خانلىق مادرىد 14 مىليون ياۋروغا ئېرىشىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:11 28-08-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى لىئون كوماندىسى ھۇجۇمچىسى مارىيانو دىئازنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى سېۋىللا كوماندىسىغا قوشۇلۇشىغا پەقەت بىرلا قەدەم قالدى، ناۋادا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا مارىيانو 40 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن پىزخۇئەن توپ مەيدانىغا قەدەم بېسىش بىلەن بىرگە، كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت ماھىرغا ئايلىنىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن خانلىق مادرىد كۇلۇبىمۇ بۇ قېتىمقى يۆتكىلىش سودىسىدىن شېرىنكانىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى لىئون كوماندىسى ئاران سەككىز مىليون ياۋرو خەجلەپلا خانلىق مادرىدتىن مارىيانوغا ئېرىشكەن، ئەمما خانلىق مادرىد بۇ توختامغا مارىيانونى ئالدىن سېتىۋېلىش ماددىسى بىلەن كەلگۈسىدىكى يۆتكىلىش سودىسىدىن %35 شېرىنكانە ئېلىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزگەن.

    بۇ يىل يازدا، خانلىق مادرىدنىڭ مارىيانونى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىر مەزگىل تاراتقۇلارنى قاپلىغان، ئەمما نۆۋەتتە «سامان يولى جەڭ كېمىسى قوشۇنى» قارىغاندا بۇ سودىدىن 14 مىليون ياۋرو شېرىنكانە ئېلىشنى بەكرەك خالىسا كېرەك، بۇنىڭغا لىئون كوماندىسى تۆلىگەن يۆتكىلىش سوممىسىنى قوشقاندا مارىيانو خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا جەمئىي 22 مىليون ياۋرو كىرىم قىلىپ بەرگەن ھېسابلىنىدۇ.

    2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، مارىيانو لىئون كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ھۇجۇمچىسى بولۇپ، 45 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 21 توپ كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە فرانسىيە بىرلەشمىسىدە 18 توپ كىرگۈزگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى