• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىككى يىل گىرىمىنى يۇماي ئۈستىلەپ گىرىم قىلىۋەرگەن 20 ياشلىق قىز

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:09 28-08-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گۈزەللىكنى سۆيۈش ئاياللارنىڭ تەبئىتى، نۇرغۇن ئادەم گۈزەل بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ھازىر قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدۇ. لېكىن گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن گىرىمنى چوقۇم چىقىرۋېتىش كېرەك، بولمىسا تېرىنىڭ قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە پۇشايماننى ئېلىشقا قاچا تېپىلمايدۇ. كورېيەدە بىر قىز ئۇدا ئىككى يىل گىرىمىنى يۇمىغان بولۇپ، نەتىجىسى ئادەمنى قورقۇتقۇدەك بولغان.

    ئەمدى 20 ياشقا كىرگەن كورېيەلىك قىز بېي دامېي كورېيە ئۇنىۋېرىسال پىروگىراممىسىدا ئۆزىنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن گىرىمىنى يۇمىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ ئۆز ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن گىرىمىنى يۇمىغان، ئىككى يىل توختىماي گىرىم قىلغان، لېكىن گىرىم قىلىۋېرىپ گىرىمنى چىقارمىغاچقا يۈزى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، تېرىسىنىڭ قېرىشى تېزلىشىپ كەتكەن،دوختۇر ئۇنىڭ تېرىسىنى كۆرۈپ بېقىپ ھەيران قالغان، ئۇنىڭ تېرىىسنىڭ 40 ياشلىق ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيىتقان.

    ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆيدىكى ۋاقتىدىمۇ گىرىم قىلىدىكەن، سىرىتقان چىقمغان تەقدىردىمۇ يۈزىنى يۇماي گىرىم قىلىۋېرىدىكەن.

    بۇ ئىش ئىككى يىلغا سوزۇلغان بولۇپ، بۇنداق قىلىشنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ ئىكەن، شۇڭا ئۇ 20 ياش تۇرۇپ، تېرىسى 40 ياشلىق ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ قالغان.

    بېي دامېينىڭ ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزى كىچىكىدىن چىرايلىق بولۇپ، باشقىلار ئۇنى مەلىكە دەپ ئاتايدىكەن، لېكىن قىزى گىرىم قىلىشنى ئۆگەنگەندىن تارتىپ گىرىم قىلىشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ، گىرىمىنى چىقىرىشقا ئۇنىمىغان، تېرىسىمۇ نەچچە قات ماينىڭ تېگىدىلا تۇرغان.

    شۇنداق بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىغان، دوختۇر ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى گىرىم قىلماسلىقنى ئېيىتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاڭلىماي يەنە داۋاملىق گىرىمىنى قىلىۋەرگەن.

    ئەمەلىيەتتە ھەممە قىزلار گىرىم قىلىدۇ، لېكىن گىرىمدىن كېيىن گىرىمنى چوقۇم چىقىرىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا گىرىمنىڭ تېرىگە زىيان قىلىشىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ.

    ئىككى يىل يۈزىنى يۇماي گىرىم قىلىپلا يۈرگەن بۇ تەلۋە قىزچاققا قانداق قارايسىلەر؟


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى