• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    زەنجىۋىلنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش ئۇسۇلى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:52 28-08-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    كۆپىنچە كىشىلەر زەنجىۋىلنى ئېھتىياجىدىن ئارتۇق سېتىۋېلىپ، ئىشلىتىپ بولالماي قۇرۇتۇپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قانداق قىلغاندا زەنجىۋىلنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك.
    زەنجىۋىلنى تۇز سۈيىگە چىلاش ئارقىلىق ئۇزۇن ساقلاش ئۇسۇلى

    بىرىنچى باسقۇچ: سۇغا ئاش تۇزى قوشىمىز (سۇ بىلەن ئاش تۇزىنىڭ مىقدارىنى زەنجىۋىلنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئاساسەن بەلگىلەيمىز).


    ئىككىنچى باسقۇچ: تۇز سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن، زەنجىۋىلنى تۇز سۈيىگە 30 مىنۇتتىن كۆپرەك چىلايمىز.


    ئۈچىنچى باسقۇچ: 30 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن زەنجىۋىلنى تۇز سۈيىدىن سۈزۈپ ئېلىپ تەبىئىي قۇرۇتۇپ، يېڭى ساقلاش خالتىسى بىلەن ئوراپ قويىمىز؛ ئادەتتىكى سۇلياۋ خالتا بىلەن ئورىساقمۇ بولىدۇ (ھاۋانى چىقىرىۋېتىپ، خالتىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ ئېتىۋېتىمىز).
    ئەڭ ئاخىرىدا زەنجىۋىلنى سالقىن ھەم ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويساق يېرىم ئاي ئەتراپىدا ساقلىغىلى بولىدۇ.
    زەنجىۋىلگە تۇز سېپىش ئارقىلىق ئۇزۇن ساقلاش ئۇسۇلى
    زەنجىۋىلنى توغرىۋالساق بەزىدە بىرلا قېتىمدا ئىشلىتىپ بولغىلى بولمايدۇ ھەم ئاسان قۇرۇپ بۇزۇلۇپ قالىدۇ.

    بىرىنچى باسقۇچ: يېڭى ساقلاش خالتىسىغا توغرالغان زەنجىۋىلنى سالىمىز.


    ئىككىنچى باسقۇچ: زەنجىۋىلنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپ، تەكشى سۈركەيمىز.


    ئۈچىنچى باسقۇچ: ئارقىدىن يېڭى ساقلاش خالتىسى بىلەن ئوراپ قويساق، توڭلاتقۇغا سالماي تۇرۇپمۇ ئۇزۇن ساقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
    زەنجىۋىلنى قۇمغا كۆمۈش ئارقىلىق ئۇزۇن ساقلاش ئۇسۇلى
    قۇمغا كۆمىدىغان زەنجىۋىلنى توغراپ پارچىلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۆيدە گۈل تەشتىكى بولمىسا، قەغەز يەشىك، خالتا ياكى باشقا تەشتەكسىمان نەرسىلەرگە قۇم سېلىپ كۆمسەك بولىدۇ.

    بىرىنچى باسقۇچ: زەنجىۋىلنى خالتىغا سالىمىز (بىخلىنىپ قالغان زەنجىۋىلنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك).


    ئىككىنچى باسقۇچ: زەنجىۋىل ئۈستىگە قۇمنى تۆكىمىز (پۈتۈن كۆمۈلسە بولىدۇ).


    ئارقىدىن قۇمغا كۆمۈلگەن زەنجىۋىلنى سالقىن جايغا قويۇپ قويساق، زەنجىۋىلنىڭ قۇرۇپ ياكى بىخلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى