• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    جوڭگو، ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەر تايلاندتا ئاگاھلاندۇرۇشقا قارىماي دېڭىزغا چۈشۈپ ھادىسىگە ئۇچرىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:39 27-08-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تايلاندتىكى پۇكېت كېمە ھادىسىسى (40 تىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ساياھەتچى خەتەرگە ئۇچرىغان)دىن بۇيان پۇكېت ساھلىدا خۇددى زەھەر باردەك چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىلىرى ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەردى ۋە ھەر قېتىمدا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر باردەك قىلاتتى.

    8-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 17:00 ئەتراپىدا پۇكېت ئارىلىدىكى داڭلىق كاتا دېڭىز ساھىلىدا يەنە ئۈچ نەپەر ساياھەتچى (ئىككى ھىندىستانلىق ۋە بىر جۇڭگولۇق) ساھىلدا سۇ ئۈزۈپ ئويناۋاتقاندا تۇنجۇقۇپ قالدى.

    مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بۇ ساھىلدا ئاللىقاچان دېڭىزغا چۈشۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش قىزىل بايرىقى ئېسىلش بىلەن بىرگە، يەنە كۆزگە كۆرۈنەرلىك قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى قادالغان ئىدى.

    ۋەقە يۈز بەرگەندە دېڭىز ساھىلىىدىكى قۇتقۇزغۇچىلار تېزلىكتە ئۈچەيلەننى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىققان ۋە جىددىي يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتۇلدۇرغان. ئەڭ ئاخىرىدا 32 ياشلىق ھىندىستانلىق ساياھەتچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. قالغان ئىككەيلەن داۋالاش ئارقىلىق ئاساسەن ياخشى بولۇپ كەتكەن.

    ساھىلدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشى: «يېقىندىن بۇيان دېڭىز دولقۇنى بىر قەدەر كۈچلۈك، شۇڭا ھەقىقەتەن دېڭىزغا چۈشۈپ ئويناشقا ماس كەلمەيدۇ. شۇنداقلا بىز ئاللىقاچان ئەسكەرتىش قىزىل بايرىقى ۋە ئەسكەرتىش تاختىسى تىكلىگەن تۇرساق، ساياھەتچىلەرنىڭ نېمىشقا يەنە چوقۇم سۇغا چۈشۈۋالىدىغانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم» دېگەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى