• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بىر يۈەنلىك ساختا ئەتىرگە «چەت ئەلدە ھەل بېرىلگەن»دىن كېيىن يۇقىرى بولغاندا 200 يۈەنگە سېتىلىدۇ(1)

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:19 24-08-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سۈرەتتە: سۇجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سانائەت رايونى شۆبە ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ساختا گىرىم بۇيۇملىرىنى ئوراش-قاچىلاش ماتېرىياللىرى (ماتېرىيال سۈرەت).

      ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش ئارقىلىق دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ كەلتۈرۈلگەن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كۈن چۈشمەيدىغان يەر ئاستى ئۇۋىدىن كەلگەنلىكىنى كىممۇ ئويلىغان؛ ئوراش-قاچىلاش ناھايىتى نەپىس، يەنە ھەقىقىي مەھسۇلات بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش قېتىم تۈركۈمىنىڭ پۈركۈمە كودى بار بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىغان؛ سېتىلىش باھاسى 200 يۈەندىن ئارتۇق داڭلىق ماركىلىق ئەتىرنىڭ قۇتىسى ئىچىگە قاچىلانغىنىنىڭ تەننەرخى بىر يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ساختا ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى كىممۇ تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ؟

      «چەت ئەلدىن بىۋاسىتە پوچتا ئارقىلىق سېلىنغان بولسىمۇ، ھەقىقىي مەھسۇلات ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ». يېقىندا، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھەرلىك ساقچى تەرەپ بىر قېتىملىق ساختا، ناچار سۈپەتلىك گىرىم بۇيۇملىرى دېلوسىنى پاش قىلىپ، ئۇششاق سودىگەرلەر ۋاكالىتەن ساتىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىدىكى يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىدىغان «مۇز تاغنىڭ بىر بۇلۇڭى»نى ئاشكارىلىدى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى