• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:11 03-07-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    خەلق تورى خەۋىرى: كارخانا ماركىسىنى تىكلەش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، كارخانا باشقۇرۇشى ھەتتا كارخانا مەدەنىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىكى ئەمەلىي كۈچىنى تىرەك قىلىدۇ.

    بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو ئامىلى ئىچىدە كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغىنى مۇسابىقە مەيدانىدىكى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئېلانى بولدى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئېلان سانى باشقا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە قويۇلىدىغان ئېلانلارنىڭ باش رولچىسىغا ئايلاندى.

    دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاساسلىق خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۈبھىسىزكى، پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، شۇڭا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەر قايسى دۆلەت پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى رىقابەتلىشىدىغان مەيدان بولۇپلا قالماستىن، دۇنيادىكى كارخانىلار ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىرى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان چوڭ سەھنە بولۇپ قالدى. بۇ يىل ئوتتۇرا ياشتىن يۇقىرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئېلان ئۆزگىرىشىدىن ئالغان ھېسسىياتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن. 34 يىل بۇرۇن، ئۇلار تېلېۋىزوردا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن باشلاپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدانىدىكى ئېلانلار ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ بولۇپ، شۇ چاغلاردىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشىدە جۇڭگو ئامىلىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى.

    جۇڭگو كارخانىلىرى تۆۋەن باھالىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى خاتىرە بۇيۇمى بىلەن كىچىك تاۋارلارنى تەمىنلەشتىن، بۈگۈنكىدەك نۇرغۇن جۇڭگو ماركا ئېلانلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا نامايان بولدى، بۇ بىر جەھەتتىن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى، چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن بىر سۇپىدا رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شۇنچە كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقە مەيدانىغا يۈزلىنىشى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ماركىغا بولغان تونۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئويغىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    ماركا ئىستراتېگىيەسى كارخانا تىجارىتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيە. ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ماركىغا بولغان تونۇشى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇپ، ھەتتا ئەزەلدىن ئېلان بېرىپ باقمىغان ئىدى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى ماركىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنياۋى تەسىرىگە ئىگە بىر تۈركۈم خەلقئارالىق ماركىلارنى شەكىللەندۈردى. ئەمما ئالدىنقى بىر قانچە يىللىق خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردىن قارىغاندا، بۇ سۇپىدىن ھەقىقىي پايدىلىنىدىغان جۇڭگو كارخانىلىرى يەنىلا ئەتىۋارلىق بولدى، بۇنىڭدا كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئامىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كارخانىلارنىڭ تونۇش مەسىلىسىمۇ بار.

    ماركا دېگىنىمىز بىر كارخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ گەۋدىلىنىشى، ماركا رىقابىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى رىقابەت، كارخانىلار قانچە مۇنەۋۋەر بولغانسېرى، كارخانىنىڭ ماركا ئوبرازىغا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇمۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنياۋى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە كۆرۈۋاتقان ئېلانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك كارخانىلارنىڭ داڭلىق ماركا ئوبرازىنى نامايان قىلىشى، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر مەھسۇلاتنىڭ ئېلانى ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەبى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كارخانىلارنىڭ ماركا ئىستراتېگىيەسى مەھسۇلات ماركىسىدىن كارخانا ماركىسىغا ئۆسكەنلىكىدۇر، شۇڭا كارخانىلار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدەك نامايەندە خاراكتېرلىك سۇپىنى تاللاشقا ھەرىكەتلەندى.

    ھازىر، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى دۇنياغا يۈزلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ماركا ئوبرازىمۇ دۇنياغا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ داڭلىق ماركا ئېڭىنىڭ ئويغانغانلىقىغا مەدەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى: «سەھنە قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئويۇننى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ئورۇندايمىز». كارخانا ماركىسىنى تىكلەش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، كارخانا باشقۇرۇشى ھەتتا كارخانا مەدەنىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ئەمەلىي كۈچىنى تىرەك قىلىشقا ئېھتىياجلىق. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كارخانا ماركىسى كارخانا پەن-تېخنىكىسى، باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق نۇرغۇن ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ، بۇنداق ئەمەلىي كۈچ بولمىغاندا، كارخانا ماركىسى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەر قانچە ياخشى تەشۋىقات سۇپىسى بولسىمۇ، كارخانا پەقەت بىر مەھەللىك بولۇپ قالىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى