• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    2018-يىلى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان بەش كىنو

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:21 30-06-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    5. «1-نومۇرلۇق ئويۇنچى» (头号玩家)

    «1-نومۇرلۇق ئويۇنچى» پۈتۈن يەرشارىدە 571 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ كىنونىڭ بېلەت كىرىمىدە ياخشى نەتىجە يارىتىشى رېژىسسور ستېفېن سپىلبېرگنى كىنو تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ 10 مىليارد ياۋرولۇق بېلەت كىرىمىگە ئېرىشەلىگەن رېژىسسورغا ئايلاندۇردى.


    4. «ئۆلۈك نەۋكەر 2» (死侍2)

    20-ئەسىر فوكس شىركىتى نەشىر قىلغان «ئۆلۈك نەۋكەر 2» كۆرۈنۈشلىرى قەبىھ بولغانلىقى سەۋەبلىك دۆلىتىمىزدە قويۇلمىدى، لېكىن «ئۆلۈك نەۋكەر 2»نىڭ بېلەت كىرىمى يەنىلا 708 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ كىنونىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


    «يۇرا دەۋرى 2» (侏罗纪世界2)

    بۇ كىنو «يۇرا دەۋرى»نىڭ داۋامى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېلەت كىرىمى جەھەتتە يەنىلا ئىنتايىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، يەرشارى بېلەت كىرىمى 748 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئالقىشلىق دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىنو يەنە بىر نەچچە ئاي قويۇلىدۇ



    2. «قارا قاپلان» (黑豹)

    «قارا قاپلان» مارۋېلنىڭ قارا تەنلىك كىشىلەرنى ئاساس قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان كىنوسى بولۇپ، قويۇلۇشتىن ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەقەززاسىنى قوزغىغان، لېكىن قويۇلغاندىن كېيىن ئالقىشلىق دەرىجىسى ئويلىغاندەك مۇكەممەل بولمىغان. بۇ كىنونىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى بېلەت كىرىمى بىر مىليارد 346 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن

    1. «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3» (复仇者联盟3)

    «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3»نى تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىنو دېيىشكىمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا ھەقىقىي نادىر كىنو. بۇ مارۋېلنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى تەييارلىقى مۇجەسسەملەنگەن كىنو بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار كىنوسىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقتى ھەمدە پۈتۈن يەرشارىدا ئىككى مىليارد 32 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى