• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سالمان خان بىلەن رانۋېر سىڭ «ئۇچقۇر ئوغرى 4»تە باش رول ئېلىشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:18 30-06-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بوللىۋود چولپىنى سالمان خان ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى. داباڭ خان يېقىنقى مەزگىلدە كۆپ تۈرلۈك كىنو خىزمىتى بىلەن قاتتىق ئالدىراش بولماقتا. ئەلى ئابباس زەفەرنىڭ «Bharat»، «داباڭ 3» ۋە «شېرخان»، ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا مۇقىملاشتۇرۇلغان سانجاي لېلا بانسالى فىلىمى قاتارلىقلار.

    ھازىرقى ئەڭ يېقىنقى خەۋەردىن قارىغاندا، سالمان باي «ئۇچقۇر ئوغرى» يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمىدە باش رول ئېلىشقا ماقۇل بولغان بولۇپ، ئادىتيا چوپرا يەنىلا فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىكنى قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، رانۋېر سىڭمۇ فىلىمدە رول ئالىدىكەن.


    ئالاقىدار كىشى بۇ خەۋەرنى دەلىلەپ: «ئۆتكەن بىر يىلدا ئادىتيا بىلەن سالمان <ئۇچقۇر 4=""> توغرىلىق سۆھبەتلەشكەن. ئاخىرى < Race 3>قويۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن سۆھبەتنىڭ ئايىغى چىقتى. ئادىتيا <ئۇچقۇر 4="">نى 2020-يىلى قويۇشنى پىلانلىماقتا. رىژىسسور ۋىجاي ھازىر <ھىندىستان>نى سۈرەتكە ئېلىۋاتىدۇ، ئۇ داۋاملىق بۇ يۈرۈشلۈك فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىدۇ. رانۋېر سىڭمۇ فىلىمدە رول ئېلىشى مۇمكىن» دېدى.

    ئىگەللىنىشىچە، «ئۇچقۇر ئوغرى 4» دۇبەيدە سۈرەتكە ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ توغرىسىدا ئالاقىچى: «پايدىلانما سۈرەت ياسالدى، سالمان خاننىڭ ئوبرازى ئۇزۇن چاچ قويىدۇ، يۈزىدە تارتۇق بولىدۇ. لېكىن ئۇ بۇ فىلىمدە سەلبىي رول ئالمايدۇ» دېدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى