• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يىراق تاغلىق رايونلاردىكى يايلاقلارغا نەزەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:13 30-06-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيېك بازىرىدىكى چارۋىچى بارلۇق تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يازلىق يايلاقتا چارۋىلىرىنى ئوتلاتماقتا. (6-ئاينىڭ 22-كۈنى فوتوسى)

      شىنخۇا تورى خەۋىرى: بارلۇق تېغى تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسىدە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي بۇرجىكىگە توغرا كېلىدۇ. تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە ئېگىز ۋە پەس جايلار روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بارلۇق تېغىدا ھۆل-يېغىن كۆپ بولغاچقا، يايلاقتىكى ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، چارۋىچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئېسىل يايلاققا ئايلانغان. چاغانتوقايدىكى چارۋىچىلار ھەر يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ، 9-ئايلاردا بۇ جايدىن ئايرىلىدۇ. بارلۇقنىڭ تاغ جىلغىسى ۋە تاغ يانباغرىلىرىدىكى يايلاقلار چارۋىچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. چاغانتوقاي ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭ بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش، بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك يەنە چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى زورايتىپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى يوللارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى