• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بىرازىلىيە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا 10 نۆۋەت بىرىنچى بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:57 28-06-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۈگۈن سەھەر ئاخىرلاشقان 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى E گۇرۇپپا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، برازىلىيە كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن سېربىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ سەركىسى سۈپىتىدە شاللاش باسقۇچىغا قەدەم باستى.

    1982-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن تارتىپ برازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا 10 قېتىم گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىسى بولۇشتەك قالتىس نەتىجە ياراتقان.

    بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم گۇرۇپپا سەركىسى سالاھىيىتىدە شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويالمىغان ۋاقتى بولسا، 1978-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، بىرازىلىيە كوماندىسى ئۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئاۋسترىيە كوماندىسى بىلەن ئوخشاش تۆت جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەمما كىرگۈزگەن توپ سانى جەھەتتە ئاۋسترىيە كوماندىسىنىڭ كەينىدە قېلىپ، گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولۇشتەك نەتىجە بىلەن كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم باسقان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى