• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «كېسەلگە چىداملىق گېن» دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:37 28-06-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    6-ئاينىڭ 18-كۈنى«تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ تارماق سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك بىيولوگىيە تەتقىقاتىدا دېيىلىشىچە، فىرانسىيە ئالىملىرى كوللېكتىپى دەل-دەرەخلەرنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى ئۆلچەش، قوراشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشتىن كېيىن، دەل-دەرەخلەر ئۆمرىنىڭ ھايۋانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن بولىدىغانلىقى بەلكىم «كېسەلگە چىداملىق گېن» نىڭ كېڭىيىش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. بۇ يېڭى بايقاشنىڭ بەزى دەل-دەرەخلەرنىڭ (مەسىلەن: دۇب دەرىخى) نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل تۈرلۈك تەھدىتلەر ئىچىدە تۇرسىمۇ، يەنىلا نەچچە يۈز يىل ياشىيالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ياردىمى تېگىدۇ.

      ئىپتىدائىي دەۋردىن باشلاپلا دەل-دەرەخلەر ئىنسانلارنى تۈرلۈك قىممەتلىك بايلىقلار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن، بۇلار: يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: دۇب دەرىخى ئۇرۇقدىشى (دۇب دەرىخى) نىڭ 450 خىل تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان، دۇب دەرىخىنىڭ ھەممە يەردە ئۆسۈشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتەك ئالاھىدىلىكى يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت سىمۋولىغا ئايلاندى، شۇڭا كىشىلەر ھازىر دۇب دەرىخىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى مۇقەررەر ئىش، دەپ قارايدىغان بولدى.

     ئەمەلىيەتتە، ئالىملار ئىزچىل دەل-دەرەخلەر ھۈجەيرىسىنىڭ يېڭىلىنىشىدىكى ئېنىق مېخانىزم ۋە ئورگانىزمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نەچچە ئون يىل تەبىئىي ۋە غەيرى تەبىئىي بولغان تۈرلۈك تەھدىتلەر ئاستىدا تۇرۇپمۇ، ياكى ئۇزۇن مەزگىل بىرقەدەر ناچار شارائىتتا ياشاپ تۇرۇپمۇ، باشقا سامان غوللۇق تۈرلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ياشىشى ئامالسىز قالغان مۇھىتتا، نېمە ئۈچۈن دەل-دەرەخلەر يەنە شۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

      بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالىملار ئوخشىمىغان دەرەخلەر گېنىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، ئوخشىمىغان دەرەخلەرنىڭ DNA سىنىڭ ئۇزۇن ھايات جەريانىدا چەكسىز قېتىم كۆپەيتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم فىرانسىيە بوردو داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كرستوف پرومىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئالدى بىلەن دۇب دەرىخىنى ئوبيېكت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ گېن گۇرۇپپىسىغا قارىتا ئۆلچەش، قوراشتۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. ئاندىن تەتقىقات كوللېكتىپى دۇب دەرىخىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى بىلەن ھازىر بار بولغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ (ياغاچ غوللۇق ۋە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پۈتۈن گېن گۇرۇپپا تەرتىپىنى ئۆزئارا سېلىشتۇردى.

      نەتىجىدە بايقىلىشىچە، دۇب دەرىخىدە بۇرۇن بىر قېتىم ئارقىمۇئارقا ئۇلانغان گېننى نۇسخىلاش ئەھۋالى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ دۇب دەرىخى گېن جەمەتىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ %73 ىنى ئىگىلىگەن. كېڭەيگەن گېن جەمەتى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە «كېسەلگە چىداملىق گېن» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بۇ ھەم ئوڭ يۆنىلىشلىك تاللاش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان.

      ھالبۇكى، بۇ خىل ئەھۋال دۇب دەرىخى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ يەنە بايقىشىچە، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشقا دەل-دەرەخلەرنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان «كېسەلگە چىداملىق گېن» كېڭىيىشى بار ئىكەن. ئۇلار خۇلاسىلەپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ خىل پاراللېل گېن كېڭىيىشى دەل-دەرەخلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • ئورۇنسىز گۇمان كىشىگە زىيان
    • ئورۇنسىز گۇمان كىشىگە زىيان
    • كۆپىنچە كىشى گۇمانخورلۇقتىن ئىبارەت خاراكتېردىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەمما گۇمان ھەمىشە ئەمەلىيەت بىلەن بىردەك بولماي قالىدۇ، كىشىلە ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى