• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچى تىنچلىق جەنۇبىي يولى، بوغدا يولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرى پىيادىلەر يولىغا ئۆزگەرتىلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:35 28-06-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى شوپۇر دوستلار دىققەت، مەركىزىي شەھەرنىڭ تىنچلىق جەنۇبىي يولى ۋە بوغدا يولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرى پىيادىلەر يولى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقتىن، 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى چەكلىنىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەڭرىتاغ رايونلۇق چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكوم، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەت شەھىرىلىك ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ 39-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، تىنچلىق جەنۇبىي يولى، بوغدا يولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە يول يۈرۈش ئۇسۇلى تەڭشىلىدىكەن.

    تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىنخۇا ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى خەن مىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەش ئىككى يول بۆلىكىگە چېتىلىدىكەن.

    بىرى، تىنچلىق جەنۇبىي يولى ئىتتىپاق كۆۋرۈكىدىن تىنچلىق جەنۇبىي يولى 1-كوچىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى پىيادىلەر يولى، يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 360 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تەڭشەلگەندىن كېيىن ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى چەكلىنىدۇ، تىنچلىق جەنۇبىي يولى 1-كوچىسىدىن خەلق يولىغىچە بولغان بۆلەكتە ئەسلىدىكى يۈرۈش ئۇسۇلى ساقلاپ قېلىنىدۇ.

    يەنە بىرى، بوغدا يولى، ئازادلىق جەنۇبىي يولىدىن تىنچلىق جەنۇبىي يولىغىچە بولغان بۆلەك پىيادىلەر يولى، يول بۆلىكى ئۇزۇنلۇقى 170 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تەڭشەلگەندىن كېيىن ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى چەكلىنىدۇ. بوغدا يولى، ئازادلىق جەنۇبىي يولىدىن شىنخۇا جەنۇبىي يولىغىچە بولغان بۆلەكتە ئەسلىدىكى يۈرۈش ئۇسۇلى ساقلاپ قېلىنىدۇ.

    تىنچلىق جەنۇبىي يولىدا ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى چەكلەنگەندىن كېيىن، خەن مىڭ شوپۇر دوستلارنى ئىتتىپاق يولىدىن ئىتتىپاق شەرقىي كۆۋرۈكىگە ماڭغاندا، شەرقتە ئالتۇن-كۈمۈش يولى، شەرقىي ئايلانما يولىدىن ئايلىنىپ مېڭىش، غەربتە شىنخۇا جەنۇبىي يولى ۋە ئىتتىپاق يولىدىن ئايلىنىپ مېڭىشقا ئەسكەرتتى.

    بۇنىڭدىن باشقا، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتىگەندە يول يۈرۈش ئۇسۇلى تەڭشەلگەن 1-كۈن بولغاچقا، شوپۇر دوستلار كۆنەلمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا مەركىزىي شەھەر قاتناش ساقچىلىرى بۇ يول بۆلىدىن ئۆتىدىغان شوپۇرلارغا يول يۈرۈش پىلانىنى ئالدىن ئويلىشىۋېلىش، يولدا ۋاقىت ئالماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بەردى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى