• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچى شەھىرى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:48 27-04-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى. بۈگۈندىن باشلاپ (4-ئاينىڭ 26-كۈنى)، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىدىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش باشلاپ، 1-، 2-خىلدىكى بارلىق ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى «شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانا لايىھە ئۆلچىمى» نىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى بويىچە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىدۇ.

    4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) نىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئىچىدە 1-خىل ئۆلچەم بويىچە دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن 30 ى، 2-خىل ئۆلچەم بويىچە دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن 170 ى بار بولۇپ، بۇ ھاجەتخانىلار تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)، بۇلاقتاغ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇتۇڭخابا رايونى) ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە يىكەنكۆل شەھەر ئاھالىسى مەيدانى، خەلق مەيدانىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى ئادەتتىن تاشقىرى 1-خىل ئۆلچەملىك ئاممىۋى ھاجەتخانا ياسىلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى