• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:14 26-04-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئىسسىق بولدى، كىشىلەر ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن يازنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئەمما ھاۋارايى سەھنىسىدىكى ئۆزگىرىش ئىنتايىن تۇيۇقسىز بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃26.5 تىن ℃19قا تۆۋەنلەيدىكەن.

      4-ئاينىڭ 23- ۋە 24-كۈنلىرى ئۇدا ئىككى كۈن شەرقىي جەنۇب شامىلى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان شەرقىي جەنۇب شامىلى ئۆز ئايىغىنى يىغىشى بىلەن، تۈنۈگۈن (4-ئاينىڭ 25-كۈنى) ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا چۈشتىن كېيىن سائەت 05:00 كە قەدەر ℃26.5 قا ئۆرلىدى، ھاۋارايى ئالدىن مەلۇماتىدا ئېيتىلغاندەك ℃29 لۇق تېمپېراتۇرا كۆرۈلمىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11 بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كېچىدە ئۈرۈمچىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

      ئاپتونوم رايونىمىزنىڭمۇ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

      4-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا يېتىپ كېلىپ، ھۆل-يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىسىمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى