• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان كارخانىلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:21 23-04-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى 2017-يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان كارخانىلار تىزىملىكىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ رەت تۇرغۇزى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالما بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، تۆت جۇڭگو كارخانىسى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى. ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى كارخانىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە مالىيە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى QUICK FactSet ئارقىلىق دۇنيادىكى تەخمىنەن 100 دۆلەت ۋە رايوندىكى تەخمىنەن 8700 كارخانىنى ئىستاتىستىكا قىلدى (قىسمەن مۆلچەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

    بۇ ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ 2017-يىلىدىكى ساپ پايدىسى 48 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، تەخمىنەن %6 ئاشقان، پايدا كۆلىمى ئۇدا ئۈچ يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى ئەنگلىيە-ئامېرىكا تاماكا گۇرۇھى بولۇپ، ساپ پايدىسى 7.7 ھەسسە ئېشىپ 48 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن، بۇ شىركەت ئامېرىكىدىكى ئوخشاش كەسىپتىكى كارخانا بىلەن كەسىپلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

    ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى BRK بولۇپ، 2017-يىلىدىكى ساپ پايدىسى 44 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن، تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى بولۇپ، 2017-يىلىدىكى ساپ پايدىسى 41 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى سامسۇڭ ئېلېكترونچىلىقى بولۇپ، 2017-يىلىدىكى ساپ پايدىسى 36 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89.3 ئاشقان.

    ئالتىنچىدىن ئونىنچىغىچە ئورۇنغا تىزىلغىنى تەرتىپ بويىچە جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، ۋېرىزون خەۋەرلىشىشى، AT&T، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى.

    11-ئورۇندىن 20-ئورۇنغىچە تىزىلغىنى تەرتىپ بويىچە كومكاست تېلېگرافى، JPMorgan، تويوتا ئاپتوموبىلچىلىقى، Pfizer، مىكروسوفت، باي دۆلەت بانكىسى، ئېكسسون موبىل، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، ئامېرىكا بانكىسى، فاسبوك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى