• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا پۇقرا، ئورگانلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:04 15-04-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدىن ئېلىندى


    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى ( 16-نومۇرلۇق)

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.


    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ


    دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى پۇقرالار پاش قىلىش تېلېفونى 96007 نۆۋەتتە 12339غا ئۆزگەرتىلدى.

    ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ خادىملىرىغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى، ئۆزىنىڭ خادىملىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، جاسۇسلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە توسۇشى كېرەك.

    پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلار جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ياكى ھەمكارلىشىشى كېرەك.جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلاشقانلىقتىن، ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپ ئىچىدە قالغان بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

    پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار جاسۇسلۇق قىلمىشىنى بايقىسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قاتارلىق باشقا دۆلەت ئورگانلىرى، تەشكىلاتلارغا مەلۇم قىلغانلىرىنى دۆلەت ئورگانلىرى، تەشكىلاتلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

    دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى جاسۇسلۇق قىلمىشىغا دائىر ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەن، ئىگىلىگەن، ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغاندا، ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر رەت قىلماسلىقى، ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

    ھەر قانداق پۇقرا ۋە تەشكىلاتلار ئۆزلىرى بىلىپ قالغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇشى خىزمىتىگە دائىر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك.

    ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇمنى قانۇنسىز ھالدا ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇشىغا بولمايدۇ.

    ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مەخسۇس جاسۇسلۇق سايمانلىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئىلىكىدە تۇتۇشىغا، ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. مەخسۇس جاسۇسلۇق سايمانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

    دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشكەن ياكى قانۇن بۇيىچە پاش قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلات دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش قىلمىشى ۋە قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئالاقىدار تارماق پاكىتنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى