• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامېرىكىلىق ئەر ئورۇقلىغاندىن كېيىن دىسنېي چۆچەكلىرىدىكى شاھزادىگە ئوخشاپ قالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:16 12-04-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا 26 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئەر جېفرېي كېندال مەلۇم بىر ئالاقە تورىغا 70 قاداق (تەخمىنەن 32 كىلوگىرام) ئورۇقلىغاندىن كېيىنكى سۈرەتلىرىنى چىقارغان. تورداشلار جېفرېينىڭ ئورۇقلىغان ھالىتىنى دىسنېي كارتون فىلىملىرىدىكى شاھزادىگە ئوخشاتقان.

      جېفرېينىڭ كۆزلىرى چوڭقۇر، چاچلىرى ئۇزۇن، ئېڭەك شەكلى روشەن بولۇپ، تورداشلار ئۇنى دىسنېي كارتون فىلىمى «ساھىبجامال بىلەن مەخلۇق» تىكى شاھزادە ئادامغا ئوخشاتقان. تورداشلارنىڭ باھاسىنى كۆرگەن جېفرېي شاھزادە ئادامغا ئوخشاش ياسىنىپ سۈرەتكە چۈشۈپ تورغا چىقارغان. بۇنى كۆرگەن تورداشلار جېفرېينى «رېئاللىقتىكى ئاق ئاتلىق شاھزادە»، «چۈشۈمدىكى ئاشىقىم» دەپ تەرىپلەشكەن.

      تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن جېفرېي تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاشتىن ئىلگىرىكى كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەرگەن: «سېمىزلىك سەۋەبىدىن ئىشسىز قالغان ئىدىم، شۇنىڭدىن باشلاپ ئورۇقلاش نىيىتىگە كەلدىم ھەمدە بىر دوستۇم بىلەن بىرگە بەدەن چىنىقتۇرۇشقا باشلىدىم. ھەر كۈنى ئىشتانكا كۆتۈرۈش، يەر بېغىرلاش ۋە يوگا مەشىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەمدە يېمەك-ئىچمىكىمنى كونترول قىلىپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتتىم. تۇرمۇشقا قارىتا يېڭىچە تونۇشقا ئىگە بولدۇم، ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمنى سۆيىدىغان بولدۇم».


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى