• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەڭ يېڭى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:10 12-04-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈندۈزدە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسىمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسىمىدا ئازراق يامغۇر ياغدى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە باشقا رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچلۈك بولمىدى.

      4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 18:00 دە شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ماس قەدەمدە قاتتىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قۇم بوراندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى، قاتتىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، ئۈششۈكتىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالىدىن ئىبارەت تۆت ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتتى.

      ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچ كۈندىكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا نەزەر سالساق، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون بەلباغلىرىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى كۈچىيىپ، جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا كۆرۈنەرلىك چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

      4 -ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈندۈزگىچە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسىمى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر ئازراق يامغۇرغا ياكى قار ئارىلاش يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن (تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسىمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسىمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن. يۇقىرىقى رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، بوران ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 10~9 بالغا يېتىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغىچە بولغان 30 چاقىرىم بوران رايونى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىن قومۇل شەھىرىگىچە بولغان 100 چاقىرىم بوران رايونى قاتارلىق بوران ئېغىزى رايونلىرىدا بوران كۈچى 12 بالغا يېتىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، قۇم بورانلىق ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدىكەن.

      4- ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈندۈزگىچە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىمى، ئالتاي ۋىلايىتنىڭ غەربىي قىسىمى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى شامال ئۆتەڭ ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي بوران رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە چوڭ كۆل قاتارلىق جايلىرىدا بوران كۈچى سەككىز بال ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا رايونلاردا ھاۋا بەزىدە ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى