• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دورىلىق چاپلاقنى كەينى-كەينىدىن چاپلىماڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:16 29-03-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    1) قاننى جانلاندۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش چاپلىقى، قاننى جانلاندۇرۇش چاپلىقى، تېڭىق چاپلىقى قاتارلىقلار. ئاساسلىقى بوغۇم ئاغرىش، قېتىپ قېلىش، مۇسكۇل ئۇيۇشۇش، سۇنۇق، قايرىلىپ كېتىش ۋە ئىچكى زەخىم قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
    2) ئىسسىقلىق چاپلىقى تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن، مەلھەم دورىلىق چاپلاق (狗皮膏药)، يەل ھەيدەش چاپلىقى (追风膏药) قاتارلىقلار. ئاساسلىقى سوغۇقتىن بولغان بەل ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
    3) سوغۇقلۇق چاپلىقى تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن، زەھەر ھەيدەش چاپلىقى (拔毒膏)، مۇزەككەرنى ئىللىتىپ، ھۆللۈكنى يوقىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش چاپلىقى (阳和解凝膏)، كىچىك نەغەزگۈل چاپلىقى (水黄膏) ۋە مامۇرانچىن چاپلىقى (黄连膏) قاتارلىقلار. ئاساسلىقى ئىسسىق ئوغا يىغىلىپ قېلىشتىن بولغان تۈگۈرچەك ئېرىمەسلىك، قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىش، يىرىڭ ئېغىز ئالماسلىق ياكى يارا ئۇزۇنغىچە ساقايماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالاھىدە تۈردىكىلىرىمۇ بار، مەسىلەن، بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدىغان كىندىك چاپلىقى، يۈرەك قان تومۇر كېىسلىنى داۋالايدىغان مەلھەملىك چاپلاق قاتارلىقلار.


    2.مەلھەملىك دورىلىق چاپلاق چاپلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار
    1) چاپلاشتىن ئاۋۋال لۆڭگىنى ئىلمان سۇدا چايقاپ، جايلىق ئورۇننى پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن ياكى ئىسپىرت بىلەن پاكىزلىغاندىن كېيىن چاپلاش كېرەك.
    2) چاپلايدىغان ئورۇننى توغرا تاللاش كېرەك. مەسىلەن، شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) بولسا چېكىگە؛ ھەر خىل سەۋەبتىن زەخمىلىنىش ياكى تېرە كېسەللىكلىرى بولسا ئاغرىغان ئورۇنغا؛ ئاشقازان ئاغرىقىغا ئاشقازان تەرەپكە ياكى قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمىغا؛ بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈشتە كىندىك قىسمىغا چاپلىسا بولىدۇ.
    3) تېرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يارا بولسا ياكى تېرە زەخىملەنگەن بولسا، يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەلھەم دورىلىق چاپلاقنى بىۋاسىتە جايلىق ئورۇنغا چاپلاشقا بولمايدۇ.
    4) مەلھەم دورىلىق چاپلاقنى چاپلىغاندىن كېيىن، تېرىدە قىچىشىش، قىزىپ كۆيۈش، سانجىلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چاپلاقنى دەرھال ئېلىۋېتىش كېرەك، بەلكىم رېئاكسىيە بىر قەدەر يېنىك بولسا، تېرىدە پەقەت قىزىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىلمان سۇ بىلەن جايلىق ئورۇننى پاكىز يۇيۇپ، تېرىنى قۇرغاق تۇتسىلا بولىدۇ. ئەھۋال ئېغىر بولسا، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.
    5) مەلھەم دورىلىق چاپلاقنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى بولىدۇ. ئادەتتە، 12-24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىدۇ. ئۇدا چاپلاشقا توغرا كەلسە، چاپلاقنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، جايلىق ئورۇننى پاكىز يۇيۇپ، 5-6 سائەتتىن كېيىن ئاندىن چاپلاش كېرەك.
    6) ھامىلىدار ئاياللار تەركىبىدە ئىپار، شاپتۇل مېغىزى، زاراڭزا، مەستتىكى رۇمى، مۇرمەككە قاتارلىقلار بار مەلھەم دورىلىق چاپلاقلارنى ئىشلىتىشتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ كىندىك، بەل، قورساق قىسمىغا قەتئىي ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. زىيابىتۇس (دىيابېت) كېىسلى بىمارلىرى ۋە بالىلارمۇ مەلھەم دورىلىق چاپلاقنى ئىشلىتىشتە ئېھتىيات قىلىشى لازىم.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى