• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش : قايتارما ھۇجۇم»نىڭ بېلەت كىرىمى 630 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:09 29-03-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنىخۇا تورى خەۋىرى، يەرشارى كىنوچىلىقى تارقاتقان فانتازىيەلىك فىلىم «تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش : قايتارما ھۇجۇم » بۇ ھەپتە شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلۇپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۈچ كۈننىڭ بېلەت كىرىمى 28 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، شىمالىي ئامېرىكا ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان «تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش : قايتارما ھۇجۇم» 2013-يىلى ئىشلەنگەن فىلىم «تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش» نىڭ داۋامى بولۇپ، سېتېۋىن س دىنات رېژىسسورلۇق قىلغان، ئەنگلىيەلىك ئارتىس يوھان پېئىركا، ھوللىۋود ئەر چولپىنى سىكود ئېستۋۇد قاتارلىقلار فىلىمدا باش رول ئالغان، جۇڭگولۇق ئايال ئارتىس جىڭ تيەن بۇ كىنودىمۇ رول ئالغان. فىلىمدە، دېڭىز ئاستىدىن چىققان تېخىمۇ ۋەھشىي مەخلۇققا قارىتا، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ئىلغار ماشىنا جەڭچىنى تەتقىق قىلىپ، قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىشى سۆزلەنگەن.

    بۈگۈنگە قەدەر، دىسنېي شىركىتى تارقاتقان، مارۋېل كىنوچىلىقى ئىشلىگەن «تېنىچ ئوكياننى ئايلىنىش: قايتارما ھۇجۇم»نىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئومومىي بېلەت كىرىمى 630 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»دىن ئېشىپ شىمالىي ئامېرىكا بېلەت كىرىمى تارىخىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان كىنوسى ھېسابلانغان. نۆۋەتتە، « قارا قاپلان »نىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 230 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى