• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مۇددەتكە بۆلۈپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بىلەن تولۇق سوممىلىق سېتىۋېلىشنىڭ قايسىسى ئەرزان؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:58 26-03-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھازىرقى جەمئىيەتتە ئاپتوموبىل كىشىلەردىكى زۆرۈر لازىمەتلىك بولۇپ قالدى، بىراق ھازىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بار، كۆپ ئۇچرايدىغىنى مۇددەتكە بۆلۈپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش. ئاپتوموبىل ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئىستېمال بۇيۇمىغا تەۋە بولغاچقا، بىراقلا پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىش ئادەتتىكى بىر ئائىلىگە نىسبەتەن زور چىقىم ھېسابلىنىدۇ. ئەمما مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىۋالغاندا، پۇلىنى تولۇق تۆلەپ سېتىۋالغانغا قارىغاندا نەچچە ئون مىڭ يۈەننى ئارتۇق سەرپ قىلىدىغان گەپ. ئۇنداقتا قايسى خىل ئۇسۇلدا سېتىۋېلىش تېخىمۇ ئەرزان؟

    ئاپتوموبىل ساتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تولۇق سوممىلىق ھەق تۆلەپ سېتىۋالسا ئىككى مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئۈستەك ئايرىلىدۇ، سىز 4s دۇكىنىدا سودا سۇغۇرتىسى ئالماسلىقنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ساتقۇچى خادىم سۇغۇرتا پىرسەنتتىنى ئالالمايدۇ. شۇڭا بىر دانە ئاپتوموبىلنى مۇددەتكە بۆلۈپ ساتالىسا، نەچچە دانە پۇلى تولۇق تاپشۇرۇلغان ئاپتوموبىل ساتقانغا قارىغاندا ياخشى تاپاۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭلاشقا ساتقۇچى خادىملار خېرىدارلارنى مۇددەتكە بۆلۈپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا بەكرەك قىزىقتۇرىدۇ.

    مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىۋېلىشتا كاپىتالنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن پۇلىنى تولۇق سوممىلىق ھەق تۆلەپ سېتىۋالغانغا قارىغاندا 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ. ئۇلارنىڭ ساتىدىغىنى ئاساسەن دېگۈدەك يۈز مىڭ يۈەن ئۆپچۆرىسىدىكى ئاپتوموبىللار. ئاتالمىش رەسمىيەت ھەققى دېگىنى شىركەتنىڭ سىزدىن بىكاردىن-بىكار ئېلىۋالىدىغان نەچچە مىڭ يۈەن پۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئىستېمالچى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا: مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىۋېلىشنى تولۇق سوممىلىق ھەق تۆلەپ سېتىۋېلىشقا سېلىشتۇرغاندىكى تۆلەيدىغان بەدىلى، بىر قىسىم تۇراقسىز مەبلەغلەرنى ئىگىلىۋالىدۇ. بۇ تۇراقسىز مەبلەغلەرنىڭ زىينى قانچىلىك؟ بۇنىڭغا ئەگەر تولۇق سوممىلىق ھەق تۆلەپ ئاپتوموبىل سېتىۋالمىسىڭىز بۇ پۇللاردىن پايدىلىنىپ نېمىش قىلىدىغانلىقىڭىزغا قاراش كېرەك.

    200 مىڭ يۈەنلىك ئاپتوموبىلنى مىسال قىلىدىغان بولساق، تولۇق سوممىلىق ھەق تۆلەش ۋە ئىككى يىللىق مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەشنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا، ئومۇمەن 200 مىڭ يۈەن X يىللىق تۇراقسىز مەبلەغنى ئىگىلىگەنگە تەڭداش كېلىدۇ. ئەگەر بۇ پۇل بىلەن 2016-يىلى بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردىن ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى تۆلەپ ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا 2017-يىلى بىر مىليون زىيان تارتقان بولىسىز. ئەلۋەتتە ھازىرلا ئۈچ مىليون زىيان تارتىپ بولدىڭىز. ئەگەر بۇ پۇلنى بانكىغا قويماقچى بولسىىز، تەخمىنەن نەچچە مىڭ يۈەن زىيان تارتتىڭىز.

    گەپنى ئوچۇق دېسەك، ساتقۇچى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تولۇق سوممىلىق ھەق تۆلەپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش زىيان تارتقانلىق، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىقتىسادى جەھەتتىن قىينىلىپ قالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا توغرا تاللاشتۇر.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى