• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۆلىتىمىز 2018-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ماس قەدەمدە ئۆستۈرىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:52 26-03-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىسىتىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە « 2018-يىللىق پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسىمىيىتىنى بېجىرگەن ھەمدە ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالغان كارخانا ۋە ئورگان، كەسپى ئورۇندىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بېكىتتى، ئومۇمىي تەڭشەش سەۋىيەسى 2017-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى %5 ئەتراپىدا بولۇپ، 114 مىليون پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

    ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەش-نورمىلىق تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش ۋە مۇۋاپىق مايىل بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن تەڭشەش چارىسىدىن ئىبارەت داۋاملىق بىر تۇتاش تەڭشەشنى قوللانغان. نورمىلىق تەڭشەش ئىجتىمائىي ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرگەن، ئوخشاش بىر جايدىكى ھەر تۈرلۈك پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ تەڭشەش ئۆلچىمى ئوخشاش بولىدىكەن؛ چېتىپ تەڭشەشتە، «كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش»، «ئۇزۇن مۇددەت تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش» تەك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزىمىنى گەۋدىلەندۈرگەن، خىزمەتتىكى ۋاقتىدا كۆپ ھەق تاپشۇرغان، ئۇزۇن مۇددەت ھەق تاپشۇرغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كۆپ بولىدىكەن؛ مۇۋاپىق مايىللىشىشتا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى يېشى چوڭ پېنسىيەگە چىققانلار ۋە نامرات، چەت رايونلاردىكى پېنسىيەگە چىققانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش. «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى جايلار گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەڭشەپ قوشۇلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ قولىغا تېزدىن يەتكۈزۈشى لازىم.

    بۇ مەسئۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەڭشەش دۆلەتنىڭ 2016-يىلى، 2017-يىلى ئۇدا ئىككى يىل كارخانا ۋە ئورگان، كەسپى ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشىگەندىن بۇيان، داۋاملىق ماس قەدەمدە كارخانا ۋە ئورگان، كەسپى ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئورگان، كەسپى ئورۇن ۋە كارخانىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى