• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «ئامېرىكا كاپىتانى»: كېلىشكەن چىرايىم ۋە قامىتىمگە تايىنىپ مەستانە توپلاشنى ياقتۇرمايمەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:48 26-03-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ رولىغا چىقىۋاتقان كىرىس ئېۋىننىڭ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى3» دىن كېيىن بۇ رولنى ئەمدى ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە گەپلەر تارقالغان، يېقىندا ئۇ «نيويورك گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇنى ئېتىراپ قىلىپ، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى3» ۋە «قىساسكارلار ئىتتىپاقى4» نى تولۇقلاپ ئىشلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇ ئامېرىكا كاپىتانىغا خوش دەيدىكەن.

    مەستانىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ بۇنىڭغا قارىتا: «باشقىلار سىزنى ماشىنىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىز چۈشۈپ كەتكىنىڭىز ياخشى» دېگەن.


    ئەمما ئۇ بۇ رولغا بەك چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ پىسخىك ساپاسى يۇقىرى، بوي ئېگىزلىكى 184 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 82 كىلوگىرام بولۇپ، ئېكراندا دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى ياراتقان بىلەن ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەدەبىيات-سەنئەت سۆيەر ياش ئىكەن.

    كىرىس ئېۋىنىس بەك يۈزەكى ئويلايدىغان ئادەم ئەمەس، ئۇ ئېكراندا يالىڭاچ بەدىنى بىلەنلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ.

    2007-يىلى ئۇ «خىسلەتلىك تۆت پالۋان»(神奇四侠) دا چىققاندا چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىمدە مۇسكۇللىرىنى يەنىلا ياخشى نامايەن قىلغان.

    ئۇ كۆڭلىدە مۇنداق ئويلايدۇ: «بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئەگەر مېنىڭ فىلىمنى ئىشلىگۈم كەلمەي قالسا قانداق قىلىمەن؟ بۇ فىلىملەر مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، مېنىڭ ھاياتىم مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن بۇنىڭغا كۆنەلمەي قالسامچۇ؟»

    «خىسلەتلىك تۆت پالۋان2» ياۋروپادا قويۇلغاندا ئۇ يوپۇرۇلۇپ تۇرغان مۇخبىرلارنى كۆرۈپ قېچىپ كېتىدۇ: «مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان يېرىمدىن قوپۇپلا چىقىپ كەتتىم، ھېچكىم ماڭا گەپمۇ قىلمىدى.»

    ئۇ قېچىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىنونى داڭلاپ ئۇچۇرۇش راستتىنلا ئوڭاي ئىش ئەمەس. سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئالدامچىلىقىنى، باشقىلارنىڭمۇ سىزنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.»

    ئۇنى ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ رولىغا چىققۇزۇش ئۈچۈن مارۋېل توققۇز فىلىم توختىمىنى ئالتە فىلىمگە چۈشۈرۈپ، «پولات پالۋان» نىڭ رولىغا چىققان روبېرىت دوۋنىينى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.

    گەرچە كىرىس ئېۋىنس بۇ رولغا چىقىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ لېكىن نېرۋىسى بەك جىددىيلىشىپ كېتىپ، پىسخىك دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

    2011-يىلى7-ئاينىڭ 22-كۈنى كىرىس ئېۋىنىس ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ رولىغا چىقىپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇلىدۇ.


    لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولۇش بىلەن بىللە ئۇ يەنىلا ئۆزى ئىشلەشنى خالايدىغان فىلىملەردىنمۇ ۋاز كەچمەيدۇ. 2014-يىلى ئۇ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ مۇھەببەتلىك بەدىئىي فىلىم «بىز بېرىشتىن بۇرۇن»(午夜邂逅) فىلىمىنى ئىشلەيدۇ.

    شۇ يىلى ئۇ يەنە «مۇھەببەت پارچىلىرى»(爱情碎片) دا رول ئالىدۇ، فىلىمدە ئۇ ئەركەكلىكى ئۇرغۇپ تۇرغان رولغا چىقىدۇ، ئۇ بۇ فىلىمدە كۈنبويى چىرايىنى پارقىرىتىپ تۇرىدىغان ئامېرىكا كاپىتانىغا پەقەت ئوخشىمايدۇ.

    ھازىر ئۇ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان فىلىملەرگە بېرىشنى خالايدۇ. بۇرۇن ئېۋېنىس مارۋېل فىلىملىرىنىڭ ۋاقتىنى بەك كۆپ ئىگەللەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن، ھەر قېتىم سۈرەتكە ئالغاندا نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، يەنە بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت فىلىم تەشۋىقاتى خىزمىتى بولىدىكەن، 2011-يىلى ئۇ ئامېرىكا كاپىتانى بولغاندىن باشلاپ شۇنداق بولۇپ كەلگەن.

    گەرچە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭ ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ رولىغا چىقىشىنى خالىسىمۇ لېكىن كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۇ ئۆزى بولماستىن بەلكى ئامېرىكا كاپىتانى ئوبرازى.


    شۇ سەۋەبلىك ئۇ بۇ ئىشنى قىلماسلىقنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمىز.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى