• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەنگىلىيەلىك ئەر كىنو كۆرۈۋاتقاندا بېشى ئورۇندۇق دەسسىگۈچىگە قىسىلىپ قازا قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:21 22-03-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    9NEWSنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك بىر ئەر كىنو كۆرۈۋاتقاندا بېشى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئورۇندۇق دەسسىگۈچىگە قىسىلىپ قېلىپ بەختكە قارشى قازا قىلغان.

    9-مارت بىر ئەر ھەمراھى بىلەن بېرمىنھامدىكى ۋىللىېيرس خەلقئارا كىنوخانىسىدا كىنو كۆرۈۋاتقاندا يانفونى ئىككى ئورۇندۇقنىڭ ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا چۈشۈپ كەتكەن. كىنو ئاخىرلاشقاندا ئۇ بېشىنى بەس قىلىپ يانفونىنى ئېلىۋالماقچى بولغاندا، بېشى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئورۇندۇق دەسسىگۈچىگە قسىىلىپ قالدى.

    ئۇ ئۆزىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى بايقاپ قاتتىق ھودۇقۇپ كەتتى، كىنوخانا خىزمەتچىلىرى ۋە باشقا مېھمانلار ئۇنى قۇتقۇزۇش تىرىشىۋاتقاندا بۇ ئەرنىڭ يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن جىددىي قۇتقۇزغۇچىلار ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

    بىراق، بىر ھەپتىدىن بۇ كىنوخانا بايانات ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتتا: «كىنوخانىمىزدا ھادىسىگە يولۇققان خېرىدارنىڭ 16-مارت قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز قاتتىق يېرىم بولدى. ھازىر بۇ ئىش ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەسەللىي بەردۇق، ئۇلارمۇ ياردەم ۋە قوللىشىمىزغا ئېرىشتى» دېدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى