• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مانچېستېر بىرلەشمىسى 50 مىليون فوندستېرلىڭغا خانلىق مادرىد بېكى ۋارانېنى قوشۇۋالماقچى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:16 22-03-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەنگلىيە تاراتقۇسى «ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى بۇ يىل يازدا 50 مىليون فوندستېرلىڭلىق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن خانلىق مادرىد ئوتتۇرا بېكى ۋارانېنى قوشۇۋالماقچى ئىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، مورىنھو بۇ يىل يازدا ئوتتۇرا بېك قوشۇۋېلىپ كوماندىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتمەكچى بولغان بولۇپ، ۋارانې ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ توغرا نامزاتلارنىڭ بىرى ئىكەن. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى فېرگۇسونمۇ 2011-يىلى ۋارانېنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ۋارانې زىدانىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان، مانچېستېر بىرلەشمىسى بولسا جونېسنى قوشۇۋالغان.

    2014-يىلى، چېلىسدا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان مورىنھو ۋارانېنى قوشۇۋالماقچى بولغان بولۇپ، لېكىن يەنىلا مەغلۇپ بولغان، گەرچە ۋارانې بۇلتۇر 9-ئايدا خانلىق مادرىد بىلەن 2022-يىلىغىچە توختام ئۇزارتقان بولسىمۇ، لېكىن مورىنھو يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان.

    «پوچتا گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋارانېدىن باشقا، بارسېلونا ئوتتۇرا بېكى ئۇمتىتى ۋە توتتېنھام ئوتتۇرا بېكى ئالدېرۋېيرېلدمۇ مورىنھونىڭ بۇ ئورۇندىكى نىشانى بولۇپ، جونېس، سىمولىن ۋە لىندېلوف قاتارلىق توپچىلارنىڭ كەلگۈسى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، بايلېي بىلەن ئەمدىلا توختام ئۇزارتقان روخونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى ئەھۋالى باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى ئىكەن.

    ئوتتۇرا بېكتىن باشقا، مورىنھو يەنە بىر سول بېكمۇ قوشۇۋالماقچى بولغان بولۇپ، توتتېنھامدىكى داننىي روس ۋە ۋالېسنىيەدىكى گايا ئۇنىڭ نىشانىغا ئايلانغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى