• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خاۋكىڭنىڭ ھاياتى فىلىملەردە داۋاملاشقۇسى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:06 17-03-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

      شىنخۇا تورى خەۋىرى: نەچچە كۈن ئىلگىرى داڭلىق فىزىكا ئالىمى سىتېفېن ۋىللىئام خاۋكىڭنىڭ مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمغان خەۋىرى پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تورداشلار بەس-بەستە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ خاۋكىننى ئەسلىدى. گەرچە كىشىلەر ئەمدى ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھىكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەن كىنودىن ئۇنىڭ سىماسىنى تاپالايدۇ.

      خاۋكىڭنىڭ ھاياتى ئىككى قېتىم ئېكران يۈزىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، 2014-يىلىدىكى «مەۋجۇدات نەزەرىيەسى» ناملىق فىلىم 87-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا 5 تۈر بويىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن، خاۋكىڭنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس ئېددى رېدمان قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

      فىلىمنىڭ ئىلھامى خاۋكىڭنىڭ تۇنجى ئايالى جېن ۋولدنىڭ «چەكسىزلىككە قاراپ ئۇچۇش: خاۋكىن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» ناملىق ئەسلىمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەسلىمىنى ئېكران يۈزىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن جېن ۋولدنى قايىل قىلىشقا فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ ۋە سىنارىست ئۈچ يىل سەرپ قىلغان، سىنارىست ئانتونى ماككاتون سىنارىيە يېزىشتىن فىلىمنى ئېكران يۈزىگە ئېلىپ چىققىچە ئون يىل سەرپ قىلغان ئىدى. جېن ۋولد فىلىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بۇ فىلىم بەكمۇ گۈزەل ئىشلىنىپتۇ» دېگەن.

      خاۋكىڭ بۇ فىلىمگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە فىلىمگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي «ئاۋاز» (كومپيۇتېردا چىقارغان ئاۋاز) ىنى ئىشلىتىشكە ماقۇل بولغان. ھەقىقىي «ئاۋاز» دىن باشقا، فىلىمدە ئىشلىتىدىغان جابدۇق، ئايال پادىشاھ شەرەپ ئوردىنى ۋە ئىمزا قويۇلغان ئىلمىي ماقالىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تەمىنلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا 72 ياشقا كىرگەن خاۋكىڭ كامبرىجدىن لوندونغا بېرىپ، فىلىمنى ئالدىن كۆرگەن، فىلىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن خاۋكىڭنىڭ كاتىپى ئۇنىڭ مەڭزىدىكى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويغان.

      گەرچە بۇ بىر مۇھەببەت ھېكايىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ فىلىم يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇ بۇ كېسەلگە قانداق گىرىپتار بولغان، ئۇ نېمە ئۈچۈن نورمال كىشىلەردەك گەپ قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى قانداق ئىدى؟ دېگەندەك. بۇ فىلىمگە يەنە ئۇنىڭ پىروفېسسور كىپ سورن بىلەن قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيەسى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان داڭلىق دوغا تىكىشىش ۋەقەلىكى كىرگۈزۈلگەن.

      بۇنىڭدىن باشقا، بېنېدىكت كۇمبىرباچ 2004-يىلى «خاۋكىڭ» ناملىق فىلىمدە باش رول ئالغان . بۇ كىنودا خاۋكىڭ بىلەن تۇنجى ئايالىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغاندىن باشقا، خاۋكىڭنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنكى ئىچكى دۇنياسى ئېچىپ بېرىلگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى