• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ھەققىدە

    مەنبە : opinion.people.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 14:59 07-02-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ نۇرغۇن چوقۇنغۇچىلىرى ئارىسىدا تەزىيە بىلدۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھەدىكى تەخمىنەن 16 مىڭ ئادەم ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى، 100 مىڭ ئامما ئۆزلۈكىدىن كوچا بويلاپ مېڭىپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بىل كلىنتون ئۇنىڭ نامىزىدا سۆز قىلدى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباما قىزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ئۈچۈن كېلەلمەي، ئالاھىدە بىر پارچە ھال سوراش خېتى ئەۋەتتى ھەم تەزىيە سۆزى يازدى. داۋاملىق سايلام ئۆتكۈزۈش بىلەن «بۆلۈنۈپ كېتىدىغان» ئامېرىكىدا ئەمدىلا ۋاپات بولغان بوكس شاھى گويا «ھەممە ئادەمنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغاندەك قىلاتتى.

      ئەلىنىڭ ئەسلىي ئىسمى كاشىئۇس كىلىئېر بولۇپ، 12 يېشىدىن باشلاپ بوكسىيورلۇقنى مەشىق قىلغان. كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرىپ، ئىسمىنى مۇھەممەد ئەلى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1960-يىلى، 18 ياشلىق ئەلى ئامېرىكىغا ۋەكىل بولۇپ رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنغا قاتنىشىپ، ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنياغا تونۇلغان. «20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەنھەرىكەتچى»نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلى نىمىشقا بۇنچە زور ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەسىر كۈچىگە ئىگە بولىدۇ؟

      ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 -، 70 -يىللىرىدا، ئامېرىكا قارا تەنلىكلەر خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان، ۋيېتنام ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قىزىپ كەتكەنىدى. ئەلىنىڭ بۇ ئىككى ساھەدىكى ئىپادىسى بوكس سەھنىسىدىكى نەتىجىسىدىن قېلىشمايتتى. مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ پات - پات يۇقىرى ئاۋازدا «مەن ئەڭ كېلىشكەن »، « مەن بەك قالتىس » دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىشەنچىنى نامايەن قىلدى. ئامېرىكا «نيۇ يوركلىق مېھمان» ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئەلى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: شۇ چاغدىكى ئامېرىكا بوكس ھەرىكىتىدە، ئىككى قارا تەنلىك تەنھەرىكەتچى سەھنىدە خۇددى ئىككى قۇلغا ئوخشاش ئۆزئارا ئېلىشىپ، بۇ ئارقىلىق ئاق تەنلىك غوجايىننىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلاتتى. «ھازىرقى زاماندىكى ئەلىدىن باشقا يەنە قايسى تەنھەرىكەتچى، ھېچ بولمىغاندا ئەلىگە يەتمىسىمۇ، مۇشۇنداق سىياسىي مەنا تۈسىنى ئالغان ھالدا تەنھەرىكەتنى مۇلاھىزە قىلالايدۇ ؟» ئىرقىي كەمسىتىشكە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشتىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلى 1964 - يىلىدىن كېيىنكى قارا تەنلىكلەر خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى، دەپ قارالدى.

      ب د ت باش كاتىپى بانكىمون بۇرۇن ئەلىنى باھالاپ، « ئۇ بىر رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بوكس ماھىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى بىر باراۋەرلىك ۋە تىنچلىق ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان دۇنيا چىمپىيونى» دىگەنىدى. ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە، ئەلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تالاش - تارتىش تېخىمۇ چوڭ بولدى، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى. چۈنكى، 1967 – يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ۋيېتنام ئۇرۇشىغا بېرىشنى رەت قىلغان ئەلى ئامېرىكىدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھەر قايسى چوڭ بوكس جەمئىيەتلىرىمۇ شۇ كۈنى ئۇنىڭ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلغان، پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ تور بېكىتىدە، شۇ گېزىتنىڭ 1967 - يىلى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان گېزىت رەسىمى ئېلان قىلىنغان: ئالتە ئەر، ئالتە ئايالدىن تەركىپ تاپقان زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ 12 ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىك ئىدى. ئەلى بۇ زۇلۇملارغا تىز پۈكمىگەن. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى يېقىندا ئەلى قالدۇرغان بىر قىسىم ئۈن خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان: «ئۇلار ماڭا پەقەت ئىككى خىل تاللاش بار، بىرى ھەربىي سەپكە قاتنىشىش، يەنە بىرى تۈرمىگە كىرىش، دىدى. لېكىن مەن شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مىنىڭ يەنە بىر تاللىشىم بار، ئۇ بولسىمۇ ھەققانىيەت.» 1971 - يىلى، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئەلى قايتىدىن مۇسابىقىگە قاتناشتى ھەم يەنە بىر قېتىم بوكس شاھى ئالتۇن بەلبېغىنى قولغا كەلتۈردى.

      ئەلى مۇكەممەل ئادەم ئەمەس، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى كىشىلەر دائىم سۆز -چۆچەك قىلاتتى، نۇرغۇن «مەدەنىيەتسىز سۆزلىرى» ھازىرغىچە تالاش-تارتىش قىلىنماقتا، لېكىن چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ئۇ ئۆزىنى توختاتقان بولۇپ، قانداق قىلىپ «ياراملىق ئادەم بولالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ». خۇددى ئۆزىنىڭ تەرجىمىھال يازغۇچىسى توماس خاۋۇس ئېيتقاندەك: «بىز ئەلىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى جەڭچى ھالىتىدىكى خاتىرىلەرنى قەدىرلىشىمىز كېرەك، ئۇ ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئادىلسىزلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ سىمۋولى بولۇپ چاقنىغانىدى.» كىشىلىك ھايات كۈرەش يولىدا، ئەلىنىڭ قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان.

      دەۋر ئېقىمى ئالدىدا مەردانىلارچە قەد كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە ياراتقان، ئەمما ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىگەن مەشھۇر شەخىسلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شۈبھىسىزكى، ئەلى تېخىمۇ تەلەيلىك. ئۇ بوكس روھىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن ئاشۇ «ھېچكىم جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بۇلۇڭ»غا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرگە شۇنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتىكى، ئەلى باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا بولغان تەرىپىدە تۇرغانىدى — «بىر قېتىم كۆپ يىقىلىپ چۈشۈشكە قارىغاندا، پەقەت يامىشىپ ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە».

    «خەلق تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى