• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    جۇڭگولۇقلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشىدىكى يەتتە ھەقىقىي ئەھۋال

    مەنبە : www.sohu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:53 07-02-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    جۇڭگو ئۇدا ئۈچ يىل دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تور سودا ئىستېمال بازىرى بولۇپ قالدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى پارچە سېتىش بازىرىدا ھەر 10 يۈەن خەجلىگەندە 1.3 يۈەننى توردا خەجلىگەن. مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە، بۇ نىسبەت داۋاملىق چوڭىيىدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش ئادىتى ۋە مال سېتىۋېلىش قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى چۈشىنىش چوڭى دۆلەت ھالقىغان ماگناتلاردىن كىچىكى تور سودىسىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگىچە ئەمەلىي قىممىتى بار.

    بىرىنچى ھەقىقىي ئەھۋال: ئېدراكسىزلىق

    %30 ئابۇنت تور سودا بەتلىرىنى كۆرگەن چاغدا «ئىختىيارىي مال ئالىدۇ» .قانداق ئەھۋالدا بىز تور سودا بەتلىرىنى ئاچىمىز؟ ئابۇنتلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، %64.8 ئابۇنت ئۆزىنىڭ نېمە سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلگەن ئەھۋالدا ئاندىن تور سودا بەتلىرىنى ئاچىدىكەن. مال سېتىۋېلىش نىشانى ئېنىق بولماي تۇرۇپ تور سودا بەتلىرىنى ئارىلايدىغان ئابۇنتلارنىڭ نىسبىتى %30.4 ئىكەن. بۇ ئابۇنتلار بىر تەرەپتىن تور بەت كۆرسە، بىر تەرەپتىن قىزىقىدىغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالىدۇ. بۇ %30 ئابۇنت دەل تور سودا بەتلىرىنىڭ تىرىشىپ مەھسۇلات كېڭەيتىش ۋە تەۋسىيە قىلىشىدىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بۈگۈنكى كۈندە توردا مال سېتىۋېلىش قىسمەن تورداشلارنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ۋە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىكى بىر خىل تاللىشى بولۇپ قالدى.

    ئىككىنچى ھەقىقىي ئەھۋال: ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى

    ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئاساس قىلغان تەۋسىيەلەش ئەنئەنىۋى ئېلانغا قارىغاندا ئابۇنتنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئەنئەنىۋى توردىن مال سېتىۋېلىش ئەندىزىسىگە ئاغدۇرۇۋېتىش خاراكتېرىدىكى تەسىر كۆرسەتكىنى يوق، ئەمما ئابۇنتنىڭ سېتىۋېلىش مۇددىئاسىنى قوزغاش جەھەتتە ئەنئەنىۋى ئېلانغا قارىغاندا ئەۋزەل. مال سېتىۋېلىش تۈرىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئابونتلىرى تەۋسىيەلىگەن باھاسى چۈشۈرۈلگەن تاۋارلار %13.2 تورداشتا ئىستېمال مۇددىئاسى پەيدا قىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا باشقىلار تەۋسىيە قىلغان تاۋار %10.7 تورداشنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىپ سېتىۋېلىشىنى قوزغايدۇ. بۇ ئىككى ئامىل ئېلاندىن كەلگەن مال سېتىۋېلىش نىسبىتىدىن يۇقىرى.

    ئۈچىنچى ھەقىقىي ئەھۋال: كۆچمە مال سېتىۋېلىش

    ھاياجان تىپىدىكى ئىستېمالچى ئىدراكلىق ئىستېمالچىغا قارىغاندا يانفونغا تېخىمۇ تايىنىدۇ، زادى قانچىلىك ئۆمرىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىنى ئاساسەن ئويلاپ قويمايدۇ، ئەمەلىيەتتە لازىمى بولمىسىمۇ يەنىلا سېتىۋالىدۇ، سەۋەبى پەقەتلا تور بەت يۈزىدە تىزىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا.

    ئىستېمالچىلىق مودا بولغان دەۋردە ھاياجان تىپىدىكى مال سېتىۋالغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسىنى قوشتى. ئۇلارنىڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان يۇقىرى سەزگۈرلىكى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى بىزگە زادى قايسى ئەندىزىلەرنىڭ ئىستېمالنى تېخىمۇ قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن. سانلىق مەلۇماتنى سېلىشتۇرما قىلىشتىن قارىغاندا، ھاياجان تىپىدىكى توردىن مال سېتىۋالىدىغان ئابۇنتنىڭ ئاساسلىق مال سېتىۋېلىش سورۇنى تور سودا بەتلىرىنى ئارىلاپ ياقتۇرغىنىنى تاللاپ سېتىۋېلىشتۇر، بۇ %51.9نى ئىگىلەيدۇ، ئىدراكلىق توردىن مال سېتىۋالغۇچىلاردا بۇ نىسبەت پەقەت %19.6.

    يانفوندا مال سېتىۋېلىشنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ھاياجان تىپىدىكى مال سېتىۋالغۇچىلارغا بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ، %48.1 ھاياجان تىپىدىكى مال سېتىۋالغۇچى يانفون ئوينىغان چاغدا توردىن مال سېتىۋالىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىدراكلىق توردىن مال سېتىۋالغۇچىلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى پەقەت %10. ھاياجان تىپىدىكى مال سېتىۋالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار تاۋار تەۋسىيە قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرلىرى ۋە مۇنبەرلىرىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىدۇ ھەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدىكى مال سېتىۋېلىش ئۇستىلىرىنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ.

    تۆتىنچى ھەقىقىي ئەھۋال: ئاممىۋى سىناق دەۋرى

    تورداشلارنىڭ باھاسى توردا داڭقى چىققاننى بېسىپ چۈشىدۇ. مەيلى تور سودا بەتلىرى بولسۇن ياكى بىر قىسىم تىك لىنىيە تىپتىكى مال سېتىۋېلىش مۇنبەرلىرىدىكى ئابۇنتلار باھا بېرىپ تەۋسىيەلىگىنى بولسۇن، مۇبادا زور ساندىكى ئادەتتىكى تورداشلارنىڭ ئۇچۇر مىقدارى بار باھالار بۇ تەۋسىيەلەشكە ئېرىشكەن تاۋارلار ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدىكى مال سېتىۋېلىش ئۇستىلىرىنىڭ تەۋسىيە قىلغىنىغا قارىغاندا ئابۇنتلارنىڭ سېتىۋېلىش ئىستىكىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ.

    دائىم باشقىلارنىڭ تەۋسىيەلىشى ئارقىلىق تاۋار سېتىۋالىدىغان ئابۇنتلاردا %27.7 ئادەم تورداشلارنىڭ باھاسىنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ، %10.7 تورداش مال سېتىۋېلىش ئۇستىلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدا گۈللەنگەن توردا داڭقىنى چىقىرىپ تەۋسىيەلەش ئەندىزىسى پۈتكۈل تورداشلارنىڭ نەزىرىدە، جەلىپ قىلىش كۈچى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن، ئىگىلىگەن نىسبىتى پەقەت %3.6.

    بەشىنچى ھەقىقىي ئەھۋال: ئەمدى سېتىۋېلىش تەس ئەمەس

    ئابۇنتلارنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تاۋار ئالاھىدىكى ۋە تەسىراتى. ئەگەر ئابۇنتقا ياخشى تاۋار تەۋسىيە قىلسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇلارغا قەيەردىن سېتىۋېلىشنى دېيىشىڭىزنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق. بۇ ئابۇنتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار قاتارىدا ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىگىلىگەن نىسبىتى پەقەت %3.9.

    ئەمەلىيەتتە، ئابۇنتلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۈچ چوڭ ئۇچۇر بولسا بۇ تاۋارنىڭ ئوخشاش تۈردىكى تاۋارلارغا قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقى، بۇ تاۋارنى ئىشلىتىش تەسىراتى ۋە باھاسى قاتارلىقلار. بۇ تور سودىسى تور بەتلىرىنىڭ ئۆزگەرتىشىنى ئاساس قىلىپ پايدىغا ئېرىشىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا خۇش خەۋەر بولماسلىقى مۇمكىن.

    ئالتىنچى ھەقىقىي ئەھۋال: چولپان ئېففېكتى

    2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار 80/90-يىللارنىڭ بالىلىرىغا قارىغاندا چولپانلارنى تېخىمۇ قوغلىشىدۇ. ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى ئابۇنتلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش ئالاھىدىلىكىنى سېلىشتۇرما قىلغاندا، ئەمەلىيەتتە، 80-يىلدىن ۋە 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىشىدا روشەن پەرق يوق. تېخىمۇ ياش 2000-يىلدىن كېيىنكى ئابۇنتلارنىڭ چولپانلارنى قوغلىشىش قىزغىنلىقى توردا مال سېتىۋېلىشقا قەدەر سوزۇلغان.

    چۈنكى ياخشى كۆرىدىغان چولپان تەۋسىيە قىلسا، بۇ تاۋارنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلىدۇ، بۇ قىلمىش 2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئابۇنتلاردا %29.5نى ئىگىلەيدۇ، ئەمما 90-يىل ۋە 80-يىللارنىڭ بالىلىرىدا پەقەت %8.8 ۋە %6.3نى ئىگىلەيدۇ. تاۋار نىشانىنى 2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ياش ئابۇنتلارغا قاراتقان كارخانىلار مۇۋاپىق چولپان تېپىپ تەۋسىيەلەش قىلسا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك شەكىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    يەتتىنچى ھەقىقىي ئەھۋال: قارار چىقىرىش ئاچقۇچى

    ئابۇنتلار ئەرزان باھالىق مالغا ئۇنچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئىجتىمائى ئالاقە تور بېتىدە «مال سېتىۋېلىش»نى ئاساسىي تېما قىلغان يازمىلارنى ئىزدىگەندە، «بازىرى چىقمىغان ئەمما لازىملىق قايسى نەرسىلەرنى توردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ»، «تېز ئۈنۈملۈك گىرىم بۇيۇمى»، «ئۆيگە قايتقاندا ئاتا-ئانىغا سوۋغا قىلىشقا ماس كېلىدىغان سوۋغاتلىق»...قاتارلىق مەزمۇندىكى يازمىلارنى كۆرۈش تەس ئەمەس.

    تەكشۈرۈشتە، %23.6 ئابۇنت بۇ خىلدىكى تاۋارنى تەۋسىيەلەيدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرى ياكى مۇنبەرگە دىققەت قىلىدىكەن. بۇ ئابۇنتلاردا، ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىدىكى يادرولۇق مۇددىئاسىدا «تاۋار تاللاشنى ۋاقىتنى تېجەش»نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.9 بولغان. ئىككىنچىسى بىلمەيدىغان تاۋارلارنى چۈشىنىپ بېقىش ياكى تەۋسىيە قىلغان نەرسە قىزىقىشىغا ماس كېلىش ئىكەن. كۆپ قىسىم كىشىلەر «باھاسى تۆۋەن» بولغانلىقى ئۈچۈن يوپۇرۇلۇپ كەلمەيدىكەن. تۆۋەن باھادا توردىن مال سېتىۋېلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئابۇنتلار %21.3نى ئىگىلەيدىكەن.

    «سوخۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى