• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كانادادىكى تۇنجى دۆلەت باغچىسى _بانف دۆلەت باغچىسى

    مەنبە : baike.baidu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:14 05-02-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بانف دۆلەت باغچىسى كانادانىڭ ئاربورت ئۆلكىسىدىكى روجى تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 1885– يىلى قۇرۇلغان. ئومۇمىي كۆلىمى 6641 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ باغچىدا دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى بار.

    ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس شەھەردىن يولغا چىقىپ، غەرىب تەرەپكە بانفقا قاراپ ماڭغاندا بانف باغچىسىغا كىرىش ھەققى ئېلىنىدۇ. باغچىغا ئاپتوموبىللار كىرمەكچى بولسا ھەر بىر ئاپتوموبىلغا 20 كانادا دوللىرى، يەنى 120 يۈەن خەلق پۇلى ئېلىنىدۇ، لېكىن ئىشىكتىن كىرىپ قەيەرگە بارسىڭىز، ئاپتوموبىلنى قانچىلىك ئۇزاق توختاتسىڭىز ھەقسىز.

    بانف بازىرىنىڭ يول بويىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قېنىق قىزىل رەڭلىك قەدىمىي ياغاچ ئۆيلەر ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. بازار مەركىزىدىكى 300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بانف يولىنىڭ ئىككى يېقىدا مېھمانخانا، تاللا بازىرى، ئاشخانا ۋە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكان بار بولۇپ، جاي – جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ دۇكانلارنى ئارىلايدۇ. بازاردىكى قۇرۇلۇشلار تولىمۇ كۆركەم .

    بازاردىن ئايرىلغاندا قىزىل تاشتىن قەلئە شەكلىدە سېلىنغان قۇرۇلۇشنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل داڭلىق بانف ئارشاڭ مېھمانسارىيى بولۇپ، بانف بازىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى . بانف ئارشاڭ مېھمانسارىيى تاغ ئېتىكىدىكى سۇ بويىغا سېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەدىمىي قەلئەلەرگە ئوخشايدۇ.

    ماتېرىياللاردىن بۇ مېھمانساراينىڭ 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سېلىنغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. 1884– يىلى كانادانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول رۇككى تاغ تىزمىسىنىڭ بانف بۆلىكىگە كەلگەندە، تىنچ ئوكيان تۆمۈريول شىركىتى ئەگىمە دەريا شارقىراتمىسىدا تاغقا يانداشتۇرۇپ بۇ مېھانساراينى سالدۇرغان. بۇ قۇرۇلۇشقا 250 مىڭ كانادا دوللىرى سەرپ قىلىنغان بولۇپ، 1888– يىلى 6– ئايدا پۈتكەن ، مېھمانسارايدا 250 ئېغىز ئۆي بار ئىكەن، مېھمانخانىغا يەنە 2100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا سولفۇر تېغى ئارشىڭىنىڭ ئىسسىق سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان.

    بانف بازىرىدىن ئايرىلىپ، غەربىي جەنۇبقا تەخمىنەن 3 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن سولفۇر تېغى كابېل يولى بېكىتىگە كىلىسىز. كابېل يولى 1958– يىلى 9– ئايدا پۈتۈپ، ئىككىنچى يىلى 7– ئايدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1560 مېتىر كېلىدىغان فونىكۇليور سىستېمىسىدا 40 فونىكۇليور بار، فونىكۇليورلارنىڭ تېزلىكى سېكونتىغا تۆت مېتىر بولۇپ، سولفۇر تېغى چوققىسىغا چىقىشقا سەككىز مىنۇت كېتىدۇ. فونىكۇليورنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1583 مېتىر ۋە 2281 مېتىر، تىك ئېگىزلىكى 700 مېتىر كېلىدۇ.

    بۇ يەردىكى فونىكۇليورلارنىڭ ئىچى ئازادە ھەم راھەت ئىكەن، ئەتىراپتىكى مەنزىرىنى تولۇق تاماشا قىلالايدىكەنسىز. سولفۇر تېغى چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن ئايلانما شەكىللىك پەلەمپەي بىلەن سولفۇر تېغىنى تاماشا قىلىش سۇپىسىغا چىققىلى بولىدۇ، بۇ يەردىن ھامان گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ گۈزەل مەنزىرىگە قاراپ كىشىنىڭ قەلبى چەكسىز ھاياجانغا چۆمىدۇ. ئېگىزدىن پەسكە قارىسا ئەگمە دەريا، بانف بازىرى، ئەگمە دەريا شارقىراتمىسى، ئارشاڭ مېھمانسارايلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. يىراققا نەزەر سالسىڭىز تۇتاش كەتكەن تاغلار، ئاپپاق قارلار تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىكى بىر تاغ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ. بۇ تاغنىڭ تاغ جىنىس قاتلىمى ئېنىق ئايرىلغان، تاغ چوققىسى ھەرە چىشىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، تاغ ئۈستىدىكى قارلار تاغنى تېخىمۇ ھەيۋەت كۆرسىتىدۇ.

    بۇ يەرنىڭ مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولۇپ، فونىكۇليور بىلەن تاغقا چىقىپ– چۈشۈشتە ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدىغان مەخسۇس ئادەم بار.

    سولفۇر تېغىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەگمە دەريا شارقىراتمىسىدىكى ساياھەت نۇقتىسىغا كەلگندە،شىددەتلىك ئېقىۋاتقان شارقىراتمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يىراقتىن ئارشاڭ مېھمانسارىيى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

    بانف بازىرىدىن شىمالغا سوزۇلغان يولدا نۇرغۇن داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار. بۇ ساياھەت نۇقتىلىرىغا تۇتىشىدىغان ئىككى يول بار بولۇپ، بىرى 1– نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يەنە بىرى يانداشما 1– نومۇرلۇق تاشيول،داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بانف دۆلەت باغچىسىنىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى قەلئە تاغقا كىلىسىز. كۆزئالدىڭىزدا كۈلرەڭ، ھەيۋەتلىك تاغ پەيدا بولىدۇ. قەلئە تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2766 مېتىر بولۇپ، شەكلى ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەلئەلەرگە ئوخشاپ كەتكەچكە، قەلئە تاغ دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىكەن. ئىگىلىشىمچە، 1946– يىلى 2– دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئالىي باش قوماندانى ئېيزىنخوۋېر كاناداغا زىيارەتكە كەلگەندە كانادا زۇڭتۇڭى ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەلئە تاغنىڭ نامىنى ئېيزىنخوۋېر تېغى، دەپ ئۆزگەرتكەن، 1979– يىلى بۇرۇنقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىكەن.

    سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بانف بازىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى داڭلىق لۇئىس كۆلى بولۇپ، زۇمرەتتەك كۆل سۈيىدە قېيىقلار لەيلەپ تۇرىدۇ. قىرغاقتىكى ھەيۋەتلىك تاغلار ۋە مۇزلۇق چوققىلار كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1731 مېتىر بولۇپ، كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقى تاغ . لۇئىس كۆلىنىڭ سۈيى تاغدىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، بۇ كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكى بىلەن رۇككى تېغىدىكى ‹‹يېشىل ياقۇت›› دەپ تەرىپلىنىدۇ.

    «بەيدۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى