• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك 10 چوڭ سېرىك نومۇرى

    مەنبە : www.neihanpa.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:25 03-02-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1. يەر يۈزىدىكى ئۇچما تاختا

    بۇ نومۇر 2007-يىلى «مونتېكارلو كېچىسى» ئالتۇن مېدال مۇكاپاتى، 2008-يىلى فىرانسىيە سېرك بايرىمى ئالتۇن مۇكاپاتى، 2012-يىلى قازاق سەنئەت كۆرىكى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇچما تاختا ئەنئەنىۋى سېرك تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بوشلۇقتىكى سېرك، ئۇچما تاختا ئىلەڭگۈچ ۋە ھالقىلىق تېخنىكىلىق ئېلېمېنتلار بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ سېرك نومۇرى يەر يۈزىدىكى ئۇچما تاختا دەپ ئاتىلىدۇ، بىراق بۇ سېرك نومۇرىدا گۈزەللىك تۇيغۇسى بار، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل ۋە يۇقىرى ئۇچما تاختا تېخنىكىسى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنى ئەڭ مۇرەككەپ ئەنئەنىۋى سېرك نومۇرى دېيىشكە بولىدۇ.

    بوشلۇقتىكى پولات ئارقان

    بۇ سېرك نومۇرى ئىلگىرى «13-نۆۋەتلىك مونتېكارلو سېرك بايرىمى» دا «ئالتۇن ھەييار» مۇكاپاتىغا، 14-نۆۋەتلىك ۋۇچياۋ سېرك بايرىمىدا «ئالتۇن شىر» مۇكاپاتىغا، 2007-يىلى موسكۋا سەنئەت كۆرىكىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ سېرك نومۇرىدا ئەنئەنىۋى تۈز سىزىق لىنىيەسى ئۈستىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسىنى خېلىلا ئاشۇرغان بولۇپ تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ.

    ئۆلۈم چاقى

    بۇ نومۇردا ئۈچ تال دىئامېتىرى 5.2 مېتىر كېلىدىغان، تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدىغان يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئۇچقۇر چاق ئۈستىدە ئۈچ نەپەر يىگىت، ئاسمانغا سەكرەش، ئالدى-كەينىگە دومىلاش، كۆزىنى ئېتىپ قويۇپ ئايلىنىش، سېرك كالتىكىنى ئوينىتىش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نومۇر ئورۇنداش داۋامىدا ھېچقانداق قوغدىنىش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ، ئارتىسلار خەتەرلىك، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىشلىرىغا ئېرىشىدۇ.

    يولۋاس كۆندۈرۈش ئويۇنى

    ھايۋان كۆندۈرگۈچى قولىغا تۆمۈر كالتەك، قامچا تۇتىدۇ، يىرتقۇچ ھايۋان تار قەپەس ئىچىدە چاقماق تېزلىكىدە ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، يېڭى گۆشنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن يولۋاس ئېگىزگە سەكرەش، جىلغا ئاتلاش، تۆشۈك ئېچىش قاتارلىق قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ ھاياتلىق سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. تاماشىبىنلار بۇ نومۇر ئارقىلىق يولۋاسنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

    كۈچ تىرەش ماھارىتى

    بۇ نومۇر دۇنياغا داڭلىق كاتتا سېرك بايراملىرىدىن «مونتېكارلو خەلقئارالىق سېرك بايرىمى»، «فرانسىيە ئەتە ۋە كەلگۈسى سېرك بايرىمى»، «ئىسپانىيە غەيرىي گىلاس سېرك بايرىمى»، «رۇسىيە خەلقئارا سېرك بايرىمى» ۋە 2013-يىلى 11-ئايدا جۇخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارالىق سېرك بايرىمى» قاتارلىق بايراملاردا ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، ئاجايىپ ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرگەن.

    يۇمىلاق تامدا ماشىنا چاپتۇرۇش

    بۇ نومۇر نۇرغۇن دۇنياۋى سەھنىلەردە ماھارەت كۆرسەتكەن بولۇپ، خەلقئارادىكى داڭلىق سېرىك نومۇرى ھېسابلىنىدۇ. ئارتىس ۋېلسىپىت ياكى موتسىكلىت ۋە ياكى كىچىك ماشىنا بىلەن كىچىك ياغاچتىن ياسالغان يۇمىلاق تونۇرسىمان تامنىڭ ئىچكى دىۋارىدا ئۇچقاندەك چاپىدۇ.

    ھالقىلىق تېخنىكا

    بۇ سېرك نومۇرىنى سانسىزلىغان سېرك ئويۇن قويغۇچىلىرى تەقلىد قېلىپ باققان بولۇپ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، لېكىن كۆرۈش سېزىمى ئۈنۈمى ياخشى سېرك نومۇرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئەڭ ئاددىي بولغان سەھنە جابدۇقىدىن تۆمۈر ھالقا ئىشلىتىلىدۇ، ئويۇن قويغۇچى تۆمۈر ھالقا ئىچىدە كۈچ بىلەن گۈزەللىكنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ نومۇرنى كۆرگەن تاماشىبىنلار، مۇشۇنداق بىر ئېسىل سېرك ئويۇنىنى پەقەت نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرگەندىلا ئاندىن ئۆزىگە تەۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

    چەتئەللىك چەۋەنداز

    خەتەرلىك چەۋەندازلىق ھەرىكەتلىرى، ئارتىسلارنىڭ ئېسىل قالتىس ماھارىتى..... بۇ سەھنىدە تاماشىبىنلار قازاقلارنىڭ يايلاق پۇرىقىغا ئىگە تۇرمۇشى ۋە يۇرت تۈسىنى ئالغان قويۇق مىللىي پۇراقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايدۇ.

    ئېفىئوپىيە تەختىراۋان

    بۇ نومۇر 2013-يىلى شەرەپ بىلەن موسكۋا خەلقئارا سېرك بايرىمىدا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ بىر گۇرۇپپا ئافرىقا تۈسىگە ئىگە سېرك نومۇرى، ھەرىكەتلەرنىڭ راۋانلىقى، بۇرۇلۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ياخشى ماسلىشىشى، پارتلاش كۈچى بىلەن ئەۋرىشىملىكنىڭ ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

    ئەر-ئاياللارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى

    بۇ جۇڭگو سېرىك نومۇرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى ساقلاپ قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەربنىڭ سېرىك ئىپادىلەش شەكلى ۋە سېرك ماھارىتىنى ئەينەك قىلىپ دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئىلگىرى بۇ نومۇر 39-نۆۋەتلىك «مونتېكارلو خەلقئارا سېرك سەنئەت بايرىمى» دا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يەنە بىر قېتىم سەنئەت كۆرىكىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات «ئالتۇن ھەييار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى