• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىناۋەت كارتىلىرىدىن نەچچىسىنى بىلىسىز؟

    مەنبە : www.sohu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:10 03-02-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    10. سانتاندېر گۇرۇھىنىڭ قارا رەڭلىك بىرازىلىيە ماستېر كارتىسى

    لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا قارا رەڭلىك بىرازىلىيە ماستېر كارتىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كارتا ھېسابلىنىدۇ. بۇ كارتىلارنى پەقەت سانتاندېر گۇرۇھىنىڭ خۇسۇسىي بانكا ئەزالىرىلا ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇ كارتىنى ئىلتىماس قىلغان ئابۇنتلارنىڭ ھېساباتىدا قانچىلىك پۇل بولسا ئالدىن ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسىدا بۇ خىل كارتىدىن پەقەت 3000 دانىسى بار. قارا رەڭلىك بىرازىلىيە ماستېر كارتىسىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى 24 سائەتلىك مېھمان كۈتۈش مۇلازىمىتى، خۇسۇسىي ئايروپىلان ئېتىبار مۇلازىمىتى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئايرودروملارنىڭ ئارام ئېلىش بۆلۈملىرىگە خالىغانچە كىرىپ چىقىش ئىمتىيازى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كارتىنىڭ ئىگىلىرى يىلىغا 349 ئامېرىكا دوللىرى رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدۇ.

    9. ئامېرىكا Merrill Lynch پەخرىي كارتىسى

    مەزكۇر كارتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن چوقۇم بېرىلىپ Merrill Lynch گۇرۇھى بايلىق باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئابۇنتى بولۇشى كېرەك. مەزكۇر بۆلۈمىنىڭ ئابۇنتى بولغاندىن كېيىن، يەنە بۇ شىركەت تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىلتىماس قىلالايدۇ. مەزكۇر كارتىدا Merrill Lynch گۇرۇھىنىڭ بۇقا بەلگىسى بار. يىللىق رەسمىيەت ھەققى 295 ئامېرىكا دوللىرى. ئەگەر ئابۇنتنىڭ ھېساباتىدا 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى پۇل بولسا يىللىق ھەق ئېلىنمايدۇ. مەزكۇر كارتىنىڭ ئىستېمال سوممىسى يۇقىرى چېكى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. ئامېرىكا Merrill Lynch شەرەپ كارتىسى مېھمانساراي ئېتىبار باھا مۇلازىمىتى، ساياھەت، خۇسۇسىي ئايروپىلان، 24 سائەتلىك مېھمان كۈتۈش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    8. ناتۋېست (Natwest) گۇرۇھى قارا رەڭلىك ماستېر كارتىسى

    Natwest گۇرۇھى قارا رەڭلىك ماستېر كارتىسىنىڭ ئىستېمال سوممىسى ئەڭ يۇقىرى چېكى 1 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىناۋەتلىك كارتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشى بۇ كارتىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىستېمال سوممىسى يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىللىق رەسمىيەت ھەققى ئادەتتىكى كارتىلاردىن تۆۋەن. ھەر يىلى تەخمىنەن 395 ئامېرىكا دوللىرى ئېلىنىدۇ. Natwest گۇرۇھى قارا رەڭلىك ماستېر كارتىسى سىزگە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ساياھەت قىلىش جەريانىدىكى يېتىپ قوپۇش، يېمەك ئىچمەك، ئايروپىلان، 24 سائەتلىك مۇلازىمەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ كارتىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى ھېسابلىنىدۇ.

    7. سىتى گۇرۇھىنىڭ قارا رەڭلىك رەئىس كارتىسى

    پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈكى مەزكۇر كارتىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەس. مەزكۇر كارتىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم سىتى گۇرۇھى خۇسۇسىي بانكىسىنىڭ ۋە مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ ئەزاسى بولۇشى كېرەك. پەقەت %5 كىشىنىڭ بۇ خىل كارتىنى بېجىرىش ھوقۇقى بار. مەزكۇر كارتىنىڭ ئىستېمال سوممىسى يۇقىرى چېكى 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. يىللىق رەسمىيەت ھەققى 500 ئامېرىكا دوللىرى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ كارتىنىڭ ئىگىلىرى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئايرودروملارنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيگە خالىغانچە كىرىپ چىقالايدۇ. يەنە 24 سائەتلىك مېھمان كۈتۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

    6. ۋىزا چەكسىز كارتىسى

    ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان بايلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ۋىزا چەكسىز كارتىسى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئىئوردانىيە، رۇسىيە، مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا، نىگېرىيە، كانادا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ خىل ئىناۋەتلىك كارتا تارقىتىدۇ. بىراق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ. مەزكۇر كارتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلىپى بولسا ئىستېمالچىلارنىڭ ھېساباتىدا چوقۇم 100 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ھەر يىلى نەچچە 100 ئامېرىكا دوللىرى يىللىق رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىناۋەتلىك كارتىلارغا ئوخشاش ۋىزا چەكسىز كارتىسىنىڭمۇ بىر يۈرۈش مېھمان كۈتۈش مۇلازىمەتلىرى بار، يەنى ساياھەت پىلانى، خۇسۇسىي ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنى ئالماشتۇرۇش، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي زاكاز قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك سودا سارايلاردا ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار.

    5. Coutts دۇنيا كارتىسى

    ئاقسۆڭەكلەردەك ياشاشنى ئۈمىد قىلامسىز، ئۇنداقتا Coutts دۇنيا كارتىسى دەل سىز ئۈچۈن تەييارلانغان. ئايال پادىشاھ ئىلزابىت ۋە باشقا تەخمىنەن 100 نەچچە نەپەر Coutts بانكىسىدا بىر مىليون فوندستېرلىڭدىن يۇقىرى ئامانەت پۇلى بار كىشىلەر بۇ خىل ئېنگلاند مەخسۇس ئىناۋەت كارتىسىغا ئېرىشكەن. بۇ خىل خان جەمەتى ئاقسۆڭەكلەر ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ يىللىق ئۆسۈمى %49.1كە يېتىدۇ. باشقا ئالاھىدە كارتىلارغا ئوخشاش بۇ خىل كارتىنىڭمۇ 24 سائەتلىك مېھمان كۈتۈش مۇلازىمىتى، ئايرودرومنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيىگە خالىغانچە كىرىپ چىقىش ئالاھىدە ئىمتىيازى قاتارلىقلار بار.

    4. ۋىزا Stratus كارتىسى

    مەزكۇر كارتا ئاق رەڭلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە رەڭ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئىناۋەتلىك كارتىلار بىلەن ئوخشاش بۇ كارتا پەقەت پۇلدار ئابۇنتلارنى تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ. بىراق مەزكۇر كارتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ كارتىغا ئىگە بولغۇچى ئۇلارنىڭ مۇكاپات جۇغلانما نومۇرىنى باشقا دوستلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىنەلەيدۇ. بۇ جۇغلانما نومۇرلارنى خۇسۇسىي ئايروپىلانلاردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ كارتىنىڭ باشقا تەمىناتلىرىدىن يەنە خۇسۇسىي مىھمان كۈتۈش مۇلازىمىتى، ئايروپىلان بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش، مەخسۇس ماشىنا مۇلازىمىتى، ھەشەمەتلىك مېھمانساراي مۇلازىمىتى، مال سېتىۋالغاندا ئېتىبار بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بار. بۇ كارتىنىڭ يىللىق رەسمىيەت ھەققى 1500 ئامېرىكا دوللىرى.

    3. دۇبەي 1-خان جەمەتى ماستېر كارتىسى

    ئەگەر سىز ئۈنچە-مارجان ۋە ئالتۇن-جاۋاھىراتلارنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنداقتا دۇبەي 1-خان جەمەتى ماستېر كارتىسى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز. مەزكۇر كارتىنىڭ سول تەرىپى ۋە ئۈستى تەرىپىگە ئالتۇندىن جىيەك بېرىگەن. كارتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە 0.235 كاراتلىق ئالماس قويۇلغان. بۇ كارتىنىڭ ئېتىبارلىرى ئاز ئەمەس. دۇبەي 1-بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىبراھىم ئەنسارى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز ئايغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز سىزگە ئاينى ئۈزۈپ بېرىمىز.» مەزكۇر كارتىنىڭ ئىستېمال سوممىسى يۇقىرى چېكى يوق. كارتا ئىگىسى قانچىلىك خەجلەشنى خالىسا شۇنچىلىك خەجلىيەلەيدۇ. بىراق بۇ كارتىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن دۇبەي 1-گۇرۇھىنىڭ تەكلىپى بولۇشى كېرەك.

    2. مورگان ئالتۇن كارتىسى

    مەزكۇر ئالتۇن كارتا ئالتۇننى لازېر نۇر بىلەن ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان. مەزكۇر كارتىنىڭ يىللىق رەسمىيەت ھەققى 595 ئامېرىكا دوللىرى. ئىستېمال قىلىش سوممىسىنىڭ چەكلىمىسى يوق. ھەر بىر ئامېرىكا دوللىرى ئىستېمال قىلسىڭىز، ئىككى جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيسىز. 100 مىڭ دوللار خەجلىگەندە 3500 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيسىز.

    1. ئامېرىكا Centurion Card كارتىسى

    Centurion Card كارتىسى قارا كارتىلارنىڭ «بوۋىسى» ھېسابلىنىدۇ. 1999-يىلى ئامېرىكا American Express شىركىتى تۇنجى Centurion Card كارتىسىنى بازارغا سالدى. مەزكۇر كارتا پۇلى ناھايىتى كۆپ، ئىستېمال سوممىسى زور خېرىدارلارغا قارىتىلغان. مەزكۇر كارتا يىللىق ھەق يىغىشتىن باشقا، يەنە تارقاتقان ۋاقىتتىلا مەلۇم مىقداردا ھەق يىغىدۇ. Centurion Card كارتىسىنىڭ كارتا ئاچقۇزۇش ھەقى 7500 ئامېرىكا دوللىرى. يىللىق ھەققى بولسا 2500 ئامېرىكا دوللىرى. مەزكۇر كارتا تىتاندىن ياسالغان. بۇ كارتىنىڭ ئىستېمال سوممىسى يۇقىرى چېكى يوق. كارتا ئىگىسى ھەر قانداق نەرسە سېتىۋالالايدۇ، ھەتتا نەچچە 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەشەمەتلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلى، نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالماس، ھەتتا نەچچە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق خۇسۇسىي ئايروپىلان سېتىۋالالايدۇ.

    «سوخۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى