• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:53 18-11-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ، ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ، ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻥ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    1.«ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ»ﻧﯩﯔ 22-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ: ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺗﻮﺷﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﻮﺩﯨﮕﯩﺮﻯ ﺳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻡ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺯﺍﻛﺎﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺗﻮﺷﺴﺎ، ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﻮﺩﯨﮕﯩﺮﻯ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﯚﻱ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺯﺍﻛﺎﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﯚﻱ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﯚﻱ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﯚﻱ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﺗﯜﺯﻣﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﻮﺩﯨﮕﯩﺮﻯ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    2.«ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﻧﯩﯔ 6-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ: ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﯞﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﻪﻧﻪ 115- ﯞﻩ 116-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ.

    3.«ﻛﯧﭙﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﻧﯩﯔ 115-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ: ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﺗﯜﺯﯛﺷﻨﯩﯔ ﻛﯧﭙﯩﻠﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﺗﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ،ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﺗﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى