• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يېمەك–ئىچمەكنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:51 11-10-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، يۇقىرى خولېستېرىن، قاندىكى ماينىڭ يۇقىرى بولۇشى، يۇقىرى مىقداردىكى كوفېئىن ئىچكى قۇلاق ئارتېرىيە تومۇرلىرىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازايتىپ، قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى يەنە قان تەركىبىدىكى كاروتىن، ۋىتامىن A ۋە سىنك مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شاۋقۇن قۇلاق ئارتېرىيە تومۇرلىرىدىكى ماگنىينى ئازايتىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا دائىم شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا مەشغۇلات قىلىدىغانلار تەركىبىدە ماگنىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەككەن. ئەنگلىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، كالتسىي بىلەن ۋىتامىن D قۇلاق قېتىشىش كېسىلىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدىكەن. شۇڭا ياشانغانلار كالتسىي، ۋىتامىن D نى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاپ بەرسە، سۆڭەكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ئىچىپ بەرسە، قۇلاق كۆمىچىنى چىڭىتىپ، قۇلاق ئارتېرىيە تومۇرلىرىنى پاكىزلايدىكەن، دائىم سەۋزە، كاۋا قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە كاروتىننى تولۇقلايدىكەن؛ فېرمېنت، يەر ياڭىقى، ئۇيستېر قۇلۇلىسى، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر ۋە قوي – كالا گۆشى تەركىبىدە سىنكنىڭ مىقدارى كۆپ بولىدىكەن؛ رەڭگى قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، مېغىزلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسىمۇ ماگنىيغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى