• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شەرق شامىلى نىسسان Kicks ئاپتوموبىلى رەسمىي بازارغا سېلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:56 19-07-2017
    تەھرىر : مەمەت ئەلى
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە شەرق شامىلى نىسساننىڭ ئەڭ يېڭى كىچىك تىپتىكى SUV ئاپتوموبىلى Kicks شىنجاڭدا رەسمىي بازارغا سېلىندى. يېڭى ئاپتوموبىل بۇ قېتىم 1.5Lلىق ماتوردىكى جەمئىي 4 خىل ماشىنا تىپى چىقاردى، يېتەكچى باھا دائىرىسى 99 مىڭ 800 يۈەندىن 134 مىڭ 800 يۈەنگىچە، بىرلا ۋاقىتتا شەرق شامىلى نىسسان Kicksقا قارىتا «بىرلىكتە كۈچەيلى» ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پىلانىنى چىقاردى، ئىستېمالچى پەقەت 10 مىڭ يۈەن ئالدىن تۆلەپ قەرزگە ماشىنا سېتىۋالالايدۇ.

    تاشقى قىياپەت جەھەتتە KICKS ئاپتوموبىلىغا نىسساننىڭ ئەڭ يېڭى V-Motion جەمەت شەكلىدىكى ئالدى يۈز لايىھەسى قوللىنىلغان، بەلگە خاراكتېرلىك V تىپلىق ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ناھايىتى پەرق ئېتىشچانلىققا ئىگە. چوڭ چىراغ سەپلىمىسى جەھەتتە KICKS يۇقىرى سەپلىمىلىك ماشىنا تىپىنىڭ ئاپتوماتىك چوڭ چىراغ ئىچكى قىسىمىغا LED كۈندۈزلۈك چىرىغى، LED يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى ۋە گالوگېنلىق يىراقنى يورۇتۇش چىرىغى قاتارلىقلار توپلاشتۇرۇلغان، باشقا تىپلىرىغا بولسا پەقەت يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى سەپلەنگەن.

    ماشىنا يېنىدىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ بەل سىزىقلىرى ۋە ئالدى-ئارقا چاق ئەگمىسى سىزىقلىرى مول كېرىلىش كۈچىگە ئىگە، سىيرىلما شەكىلدىكى تورۇس لايىھەسى قوللىنىلغان، قارىماققا ياش ھەمدە ھاياتىي كۈچكە تولغان كۆرۈنىدۇ. KICKSنىڭ قۇيرۇق قىسىمىمۇ ئوخشاشلا نىسبەتەن خاسلاشقان، رەتسىز قۇيرۇق چىراغ ياسىلىش تىپى نىسسان جەمەتىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4295/1760/1588mm، ئوق ئارىلىقى 2620mm (قاشقاينىڭ ئوق ئارىلىقىغا قارىغاندا پەقەت 26mm قىسقا). ئوخشاش دەرىجىدىكى رىقابەتچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە، شۇڭا ماشىنا ئىچىنىڭ ئولتۇرۇش بوشلۇقى ئىپادىسىنى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ.

    قۇيرۇق قىسىمىدا KICKS ئوخشاشلا چەتئەل نۇسخىسىنىڭ لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان، ياسىلىش تىپى ئۆزگىچە قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قۇش تۇمشۇقىدەك ئۆتكۈر، بىرلا ۋاقىتتا قۇيرۇق ئىشىكنىڭ ئېچىلىشىنىڭ لايىھەسى ئىنتايىن ئۆزگىچە، چوڭ يۈزلۈك قارا رەڭلىك ماتېرىيال قوللىنىلغان ئارقا بىخەتەرلىك لىمى ماسلاشتۇرۇلغان، پۈتكۈل گەۋدىسى قارىماققا ئىنتايىن ياش كۆرۈنىدۇ. ئىگىلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىلدا 8 خىل رەڭدىكىسىنى تاللىغىلى بولىدىكەن، ئەڭ زور دەرىجىدە ياش ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغان.

    KICKSنىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك ماشىنا تىپىدا قوش رەڭلىك ئىچكى بېزەك لايىھەسىنى تاللاشقا بولىدۇ، ئۈچ شادىلىق تەكشى كۆپ ئىقتىدارلىق رول نىسسان قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى پاسون، يامان ئەمەس تېخنىكا تۇيغۇسى بەرپا قىلغان. مەركىزىي كونترول قىسىمىغا گىل رەڭ ياكى قارا رەڭلىك خۇرۇم قاپ ئىشلىتىلگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يۇقىرى سەپلىمىلىك ماشىنا تىپىنىڭ ئۆلچەش سائىتى تاختىسىدا بىر چوڭ رازمېرلىق سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ئەنئەنىۋى ئۆلچەش سائەتلىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان.

    يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئورۇندۇقىدا خۇرۇم-توقۇلما بۇيۇم ئارىلاش قاپ ئىشلىتىلگەن، رەڭگى مەركىزىي كونترول سۇپىسى بىلەن بىردەك، ئىنتايىن چىرايلىق. بىراق، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ھەممە ئورۇندۇقى قولدا تەڭشەيدىغان ئورۇندۇق بولۇپ، يۇقىرى سەپلىمىلىك ماشىنا تىپى بۇ ئاساستا ئالدى رەت ئورۇندۇق قىزىتىش ئىقتىدارى تەمىنلەيدۇ.

    بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە ئوخشىمىغان ماشىنا تىپىغا ئاساسەن: نىسسان i-SAFETY ئەقلىي ئىقتىدارلىق سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك سىستېمىسى (يولدىن ئېغىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورمۇز ياردەمچىسى، يول ئۆزگەرتىشتە كۆرۈنمەس رايوندىن ئاگاھلاندۇرۇش، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇشتىكى ماشىنا يېنى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى)، كۆپ ئىقتىدارلىق رول، خۇرۇملۇق ئورۇندۇق، ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ، بىر كۇنۇپكىدا قوزغىتىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تەمىنلەيدۇ.

    ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە KICKSنىڭ ھەممە تىپىغا HR15 تىپلىق 1.5Lلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 124 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 147 نيۇتون مېتىر، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا 5 خوتلۇق قول خوت ياكى CVT قۇتۇپسىز تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى