• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سۇئارېز: ئىنگلاند بىرلەشمىسىگە قايتىپ قالسام پەقەت لىۋېرپولغا قوشۇلىمەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:12 14-07-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سۇئارېز ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە كېلىپ بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى، لىۋېرپول كوماندىسىدا بىر بۆلەك گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. سۇئارېز يېقىندا لىۋېرپول كۇلۇبىنىڭ ئورگان تەرەپ تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ لىۋېرپول كوماندىسىغا بولغان مۇھەببىتىنى قىلچە يوشۇرماستىن ئوچۇق-ئاشكارە ئىپادىلىگەن.

    «مەن تېخى بىر كىچىك بالا ۋاقتىمدىلا، لىۋېرپول كۇلۇبى دۇنيادىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كۇلۇبلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھىچ ئىككىلەنمەستىنلا ئۇلار بىلەن توختام ئىمزالىغان ئىدىم، بۇ بولسا ھەرقانداق بىر توپچىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. شۇڭا مەن ھەر قېتىم پۇتبول ئويۇنىنى ئوينايدىغان ۋاقتىمدا لېۋېرپول كوماندىسىنى تاللاپ ئوينايتتىم. ئۇلار ماڭا ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە توپ تېپىش پۇرسىتىنى بەردى، مېنىڭ قىزىممۇ لېۋېرپولدا تۇغۇلغان، بۇ ئىشلار ماڭا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ».

    لېۋېرپول كوماندىسنىڭ مەستانىلىرىغا نىسبەتەن سۇئارېزمۇ ئۆزىنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىگە قايتىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ پەقەت لېۋېرپول كوماندىسىنىلا تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقان: «مەن قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىمدا لىۋېرپول مەستانىلىرىنىڭ مېنى قوللىشى ئىزچىل تۈردە توختاپ قالمىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە لېۋېرپول شەھىرى دىگەندەك ياخشى شەھەر بولماسلىقى مۇمكىن، لىكىن مەن بۇ گەپكە ئىشەنمەيمەن، مېنىڭ ئايالىم ۋە بالىلىرىم بۇ شەھەردە ئىنتايىن خۇشال تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەگەر بىر كۈنى چوقۇم ئىنگلاند بىرلەشمىسىگە قايتىشقا توغرا كېلىپ قالسا، مەن پەقەت لېۋېرپول كوماندىسىغا قايتىمەن» .

    سۇئارېز لىۋېرپول كوماندىسىدا جەمئىي تۆت پەسىل توپ تەپكەن بولۇپ، بۇ تۆت مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئىزچىل يۇقىرى بولغان توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇ لىۋېرپول كوماندىسى ئۈچۈن جەمئىي 133 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 82 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى