• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ Note FE ئاي ئاخىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:40 14-07-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئالدىنقى ھەپتە سامسۇڭ كورېيەدە Note Fan Edition (تۆۋەندە قىسقارتىپ Note FE دەپ ئېلىنىدۇ) نى ئېلان قىلغان ئىدى، يېقىندا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان سامسۇڭنىڭ بىر خىزمەتچىسى سامسۇڭ Note FEنىڭ بۇ ئاي ئاخىرىدا كورېيەدىن باشقا دۆلەتلەردە بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

    بىراق ئۇ كونكىرت قايسى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمىدى. سامسۇڭ Note FEنىڭ مۆلچەردىكى سېتىش مىقدارى 400 مىڭ دانە بولۇپ، نۆۋەتتە سامسۇڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كېڭەيتىش پىلانى يوق. سامسۇڭ Note FE نىڭ كورېيەدىكى بازار باھاسى 699600 ۋون (تەخمىنەن 4152 يۈەن)، قارا، كۆك، ئالتۇن ۋە كۈمۈش رەڭلىك نۇسخىسى بار.

    سامسۇڭ Note FEنىڭ باتارېيە سىغىمى 3200mAh بولۇپ، سىغىمى سامسۇڭ Note 7نىڭ 3500mAhلىك باتارېيەسىدىن كىچىك. يېڭى باتارېيە سامسۇڭ S8نىڭ باتارىيىسىگە ئوخشاش سەككىز تۈرلۈك ئىنچىكە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سامسۇڭ Note FEنىڭ سىستېمىسى سامسۇڭ S8گە ئوپمۇئوخشاش، ئىچىگە Bixby ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى قاچىلانغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى