• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يېڭى iPhoneنىڭ ياردىمىدە تەيجىديەننىڭ باش مۇدىرىنىڭ بايلىقى مىليارد دوللارغا يەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:38 14-07-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋاكالىتەن ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ھېسابلىنىدىغان تەيجىديەن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش مۇدىرى جاڭ جوڭمونىڭ خۇسۇسىي بايلىقى ئۇ 86 ياشقا كىرگەن چاغدا 1 مىليارد دوللارغا يەتكەن، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالمىنىڭ يېڭى iPhoneنىڭ مۆلەردىكى ئېھتىياجىغا ئىشەنچ بىلەن قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۆتكەن بىر يىلدا تەيجىديەن شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسى %25 ئۆستى. بىلۇمبېرگنىڭ مىلياردېرلار كۆرسەتكۈچىدە جاڭ جوڭمونىڭ خۇسۇسىي بايلىقىنىڭ كۆپىيىپ 1 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. تەيجىديەن شىركىتىنىڭ بۇ يىل بەشىنچى ئايدا تەيۋەن ئاكسىيە بىرژىسىغا تاپشۇرغان ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، 86 ياشلىق جاڭ جوڭمو بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق ھالدا تەيجىديەن شىركىتىنىڭ %0.5 پىرسەنتلىك پاي چېكىگە ئىگە بولغان.

    تەيجىديەن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش مۇدىرى جاڭ جوڭمو


    شىۋېتسارىيە ئامانەت قەرز بانكىسىنىڭ تەيبېيىدە تۇرۇشلۇق ئانالىزچىسى راندىي ئابرامس (Randy Abrams)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيجىديەن شىركىتىنىڭ پاي چېكىنىڭ ئۆسۈشى بىر جەھەتتىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەيجىديەن شىركىتىنىڭ يېڭى iPhoneدىن تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدىن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ماشىنىسازلىق، يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر ۋە ئەشيا تورى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەيجىديەننىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچ كەسپىنىڭ ئېشىشنىڭ ماتورىغا ئايلانغانلىقتىن بولغان.

    تەيجىديەن شىركىتى دۇنيا خاراكتېرلىك ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاشنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلىدى. ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى iPhoneغا ئىشلىتىلگەن A10 بىر تەرەپ قىلغۇچى زاكاز تالونلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە تەيجىديەن شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئېشىپ، 947 مىليارد 900 مىليون تەيۋەن پۇلى (29 مىليارد 400 مىليون دوللار) غا يەتكەن، بۈگۈن پاي چېكى بازىرى يېپىلغاندىن كېيىن، تەيجىديەن يېڭى بىر پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى بازار قىممىتى 180 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، تەيۋەن پاي چېكى بازىرىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتلەرنىڭ بىرى. فۇشىكاڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بازار قىممىتى %56 ئېشىپ 67 مىليارد 6 يۈز مىليون دوللارغا يەتكەن.

    تەيجىديەن شىركىتىنىڭ باياناتچىسى جاڭ جوڭمونىڭ بايلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى