• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «2017-يىللىق شىنجاڭنىڭ جۇڭگولۇق ياخشى تورداش بولۇشقا تىرىشىش قۇرۇلۇشى ۋە تۈمەنلىگەن ئىستۇدېنت شىنجاڭنى بايان قىلىش» پائالىيتى تۇنجى رەت توردا باشلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:20 14-07-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    ئۆز خەۋىرىمىز: 12-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاراتقۇ، تور جەمئىيتى ۋە تورداشلاردىن تەشكىللەنگەن ھەر ساھە ۋەكىللەر بىرلىكتە «2017-يىلى شىنجاڭنىڭ جۇڭگولۇق ياخشى تورداش بولۇشقا تىرىشىش قۇرۇلۇشى ۋە تۈمەنلىگەن ئىستۇدېنت شىنجاڭنى بايان قىلىش» چوڭ تىپلىق تور مەدەنىيەت پائالىيتىنىڭ تۇنجى رەت توردا باشلىنىش مۇراسىمىغا ئورتاق شاھىد بولدى. «تەڭرىتاغ» تورىمىز بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ پۈتۈن جەريانىنى بىۋاستە تارقاتتى.

    ئىگىلىنىشىچە، «2017-يىلى شىنجاڭنىڭ جۇڭگولۇق ياخشى تورداش بولۇشقا تىرىشىش قۇرۇلۇشى ۋە تۈمەنلىگەن ئىستۇدېنت شىنجاڭنى بايان قىلىش» پائالىيتىنى شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

    پائالىيەت باشلىنىشى بىلەنلا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى يۈزگە يېقىن ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشقان، پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ تۈرلۈك تېمىدىكى ماقالىلەر ۋە ئىجادىي ئەسەرلەرنى تاپشۇرۇۋالغان.

    شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «جۇڭگولۇق ياخشى تورداش قۇرۇلۇشى» پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 2017-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «تۈمەنلىگەن ئىستۇدېنت شىنجاڭنى بايان قىلىش»، «مەن بىر ئانارنىڭ دانىسى» قاتارلىق تور مەدەنىيەت پائالىيتىنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. بۇ ھەقتە ھازىرغىچە جەمئىي 455 قىسقا فىلىم، 3986 پارچە سۈرەت يىغىلغان.




    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى